ئەرەپچە نامى: قانىسە
خەنزۇچە نامى: 鸡内金
تونۇش: بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ئۆت توخۇسىنىڭ قۇرۇتۇلغان تاشلىق خالتىسىنىڭ ئىچكى پەردىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، توخۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تاشلىق خالتىسىنى ئېلىپ يېرىپ، ئىچكى پەردىسىنى ئىسسىق ھالدا سويۇۋېلىپ يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ <قانىسە> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: كونا ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ئىچى سۈرۈشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچكۈزۈلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: بىر گرام.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.