خەنزۇچە ئاتىلىشى: 铁
تونۇش: بۇ مەشھۇر مەدەنلەردىن بولۇپ ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىل بولىدۇ. بۇنىڭ تاۋلانغىنى قاتتىق بولىدۇ، ئۇ <پولات> دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى تاۋلانمىغىنى بولۇپ، ئۇ يۇمشاق بولىدۇ، ئۇ <تۆمۈر> دەپ ئاتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: باھنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، تال ئىششىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، كەم قانلىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پولات-تۆمۈرنى تاۋلاپ بىرقانچە قېتىم سۇدا سۇغۇرۇپ شۇنى ئىچسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئۈچەيدىكى جاراھەت، بوۋاسىر، تال ئىششىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، مەقئەت ئاغرىقى، ھەيز كۆپ كېلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، تۆمۈرچىلەرنىڭ پولات-تۆمۈرلەرنى قايتا-قايتا سۇغارغان سۈيىنى ئىچسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ، ئەگەر قىزىتىپ تاۋلانغان پولاتنى دۇغاپ (قېتىق بىلەن سۇنىڭ ئارىلاشمىسى) دا سۇغۇرۇپ ئىچسە قان خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ۋە ھەيز قېنىنى توختىتىدۇ. مەقئەت چىقۇقىنى يوقىتىدۇ (بۇ جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك).
زەھەر قوشۇلۇپ قالغان شارابقا ئىكەكلەنگەن تۆمۈر ياكى ئېكەكلەنگەن پولات سېلىنسا پۈتۈن زەھەرنى ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ، شارابتىكى زەھەر يوقايدۇ، بۇ شارابنى ئىچسە زىيان قىلمايدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كىچىك بالىلارغا بېرىلمەيدۇ، چوڭلارغا ئىككى گرامغىچە بېرىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: تۆمۈر سۇفۇپىنى (تالقىنىنى) ئىچسە قورساقنى ئاغرىتىدۇ، ئېغىزنى قۇرۇتىدۇ، باشنى ئاغرىتىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: يېڭى سېغىلغان سۈت ئىچىش، قايماق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش، گۈل يېغى ۋە سىركە بىلەن باشنى ياغلاش ياكى ياغلىق شورپا ئىچىش.
ئورۇنباسارى: ئاق قوغۇشۇن، تۇچ.
چىقىش ئورنى: شىنجاڭدىن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.