مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1532 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەركىبى: سۇلۇق يەرلىك سەۋزە 2 كىلوگرام، توم زەنجىۋىل، قاقىلە، جۇزام، قەلەمپۇر، دارچىن، خولىنجان ھەر بىرى 10 گرامدىن، زەپەر 3 گرام، ئەنبەر 1.5 گرام، ھەسەل 1 كىلوگرام.


تەييارلىنىش ئۇسۇلى: سەۋزىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرسىدىكى غولىنى ئېلىۋېتىپ چاچتەك توغراپ، بىر كىلوگرام سۇدا كىيام بولغۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە ھەسەلنى قويۇپ ئوبدان قىيام قىلىپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.


تەسىرى: بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى، ئومۇمىي بەدەننى سەمرىتىش، مەنىي كۆپەيتىش تەسىرىگە ئىگە.


ئىشلىتىش مىقدارى:  كۈندە ئىككى قېتىم، 10-20 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.