ئەرەپچە نامى: بەزرۇلبەسەل
خەنزۇچە نامى: 洋葱子
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: تېرىگە جۇلا بېرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، قوزغىتىش، باھنى قۇۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، نېرۋا، پەي ئاغرىقلىرى، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، داغ، بەھەق، بەرەس، تەمرەتكە، قارا داغ، بوۋاسىر قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىياز ئۇرۇقىنىڭ تالقىنىدىن ئىككى گىرامنى ناۋات ياكى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يېسە باھ ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، پەي ئاجىزلىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. ھەسەل بىلەن ئېزىپ تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش ۋە باشقىلارغا سېپىلىدۇ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەمرەتكىگە چېپىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-4 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، سىركە، تۇز.
ئورۇنباسارى: كۈدە ئۇرۇقى
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.