خەنزۇچە نامى: 盒果藤根
تونۇش: بۇ يۆگەيلەر ئائىلىسىدىكى پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك تۇربۇتنىڭ يىلتىزى ۋە تېنىنىڭ ياغاچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى بىلەن يىلتىزى <تۇربۇت> دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى پوستى ئادەتتە قىرىۋېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ياغاچ قىسمىمۇ ئېلىۋېتىلىدۇ، مۇشۇ قىرىۋېتىلگەن كاۋاك تۇربۇت <تۇربۇت مۇجەۋۋەپ خراشىد> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: بەلغەم، سەۋدا ۋە سەپرا خىلىتلىرىنى سۈرۈش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سۇلۇق ئىششىق، بوۋاسىر، چوڭ بوغۇم ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچى نېرۋا ئاغرىقى، يۈز پالىچى، يۆتەل، زىققە، مالىخولىيا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تۇربۇتنى زەنجىۋىل بىلەن ئىشلەتسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەم بەدەننىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىدىكى سۇيۇقلۇقلارنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ، مېڭە، ئاشقازان ۋە بالىياتقۇدىكى بەلغەمنى تازىلايدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، بادام ۋە زىغىر ياغلىرى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا، كونا يۆتەل ۋە كۆكرەك ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، سېرىق ھېلىلە ۋە كابۇل ھېلىلىسىنىڭ پوستى بىلەن قوشۇپ بېرىلسە مالىخولىيا، جۇنۇن، سەرئى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، تۇربۇتنى خام ھالدا سۈرۈپ ئىچسە، بەلغەمنى سۈرۈش بىلەن بىرگە سەپرانىمۇ سۈرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قاينىتىلمىسىنى ئىچسە، سەپراغا نىسبەتەن بەلغەمنى بەكرەك سۈرىدۇ، زەنجىۋىل، كالىي زىرە، ئاقىر قەرھا قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ياسالما تەييارلاپ ئىشلىتىلسە بەرەسنى (ئاق كېسەل) داۋالايدۇ، بەرەسنى قاينىتىپ ياكى تالقانلاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازانغا چاپلىشىپ زىيان قىلماسلىقى ئۈچۈن قايناتما ياكى سۇفۇپلارغا قوشۇلغان تۇربۇتنى بەك يۇمشاق سوقۇۋەتمەسلىك لازىم. ئەگەر تۇربۇتنىڭ سۇفۇپىنى شېكەر، زەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچمەكچى بولغاندا ئىلمان سۇ، ئەگەر تۇز قېتىلغاندا بولسا سوغۇق سۇ بىلەن بېرىلىدۇ. زەنجىۋىل، ناۋات، قەھۋە قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئوبدان پىشۇرۇپ ئاز-ئازدىن ئىچىلسە، ھۆللۈكتىن بولغان يۆتەل ۋە نەپەس سىقىلىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-5 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ، كۆپ بېرىلسە ئەزالارنى قۇرۇتىدۇ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ، ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: بادام، پىستە مېغىزى ۋە يېغى، كەتىرا.
ئورۇنباسارى: غارىقۇن، جاۋاشىر، شەربەت ياسالمىلىرى.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن ھەم ھىندىستان، پاكىستان، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.