تەركىبى: قىزىلگۈل 18 گرام، سەئدى كۇفى 15 گرام، سۇمبۇل ھىندى 9 گرام، ئاسارۇن 9 گرام، قەلەمپۇر 9 گرام، مەستىكى رۇمى 9 گرام، بەسباسە 6 گرام، جۇزام 6 گرام، گۈلدارچىن 6 گرام، قوۋزاقدارچىن 6 گرام، زەپەر 6 گرام، زەرنەپ 6 گرام، قاقىلە 6 گرام، لاچىندانە 6 گرام، شاكىلىدىن ئايرىلغان ئامىلە 270 گرام، ھەسەل 540 گرام، قەنت 540 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شاكىلىدىن ئايرىلغان ئامىلەنى كالا سۈتىگە 12 سائەت چىلاپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ، ئۈستىگە سۇ قويۇپ، سۇس ئوت بىلەن ئوبدان پىشۇرىمىز. ئامىلە پىشىپ بولغاندىن كېيىن سۈيىنى ئايرىپ ئالىمىز. ئاندىن كېيىن ئامىلەنى يۇمشاق سوقۇپ ئامىلەدىن ئايرىلغان سۇ بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ ئۈستىگە ھەسەلنى قويۇپ بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سوقۇلغان ئامىلەنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇس ئوت بىلەن سۈيى تۈگىگىچە قاينىتىمىز، ئاندىن كېيىن زەپەرنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرىمىز، سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ئاشقازان، مېڭە، نېرۋا، يۈرەك، ئۆپكىنى ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، سەمرىتىش، جىگەرنى ياشارتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئۆت ياللۇغى، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق، كالتسىي كەملىك، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.