توشقان زەدىكى 肉松荣
تونۇش: بۇ شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى يۇلغۇن ۋە بۆرە تىكىنىنىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارتاپ ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك توشقان زەدىكىنىڭ تەڭگىسىمان گۆشلۈك غولىدىن ئىبارەت. ئۇنى دورىغا ئىشلىتىشتە ئۇنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ، توغراپ تەييارلاپ ‹ توشقان زەدىكى› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كسەللىكلەر: بۆرەك ئاجىزلىق، ئەرلىك جىسىي ئاجىزلىق، قېرىلىق ۋە ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 8 - 12 گرامغىچە.
چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.