مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3794 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەرەپچە نامى: قىسار، خىيار

خەنزۇچە نامى: 黄瓜

تونۇش: بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق يامىشىپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تەرخەمەك (تۇز ۋە ئەگرى ئۆسىدىغان تۈرلىرى)نىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى <تەرخەمەك>، يىلتىزى <بىخ تەرخەمەك>، ئۇرۇقى <تۇخۇمى خىيارەن> قاتارلىق ناملاردا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

شىپالىق رولى: سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈيدۈك ھەيدەش، تاش پارچىلاش ۋە چۈشۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: گال ئاغرىقى، كۆپ ئۇسساش، قىزىتما، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بۆرەك، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، جىگەر كېسەللىكى، باش ئاغرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلسە كۆپ ئۇسساشنى پەسەيتىدۇ، قىزىتما قايتۇرۇپ سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنى ئېرىتىپ چۈشۈرىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، چىراينى پارقىرىتىدۇ، بۇنىڭ ئۇرۇقى ئېتىدىن كۈچلۈكرەك بولىدۇ. تەرخەمەكنى تۇز بىلەن قوشۇپ يېسە سەپرانىڭ (قۇرۇق ئىسسىق) ئارتۇقلۇقىنى پەسەيتىدۇ. تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ، سۈيدۈكنىڭ كۆيۈپ كېلىشىنى يوقىتىدۇ. جىگەر كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. تەرخەمەكنى پۇراتسا ياكى پوستىنى سويۇپ پېشانىسىگە قويسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان خاپىغانغا پايدا قىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلسە بولىدۇ.

زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. قورساقنى كۆپتۈرۈپ قويىدۇ.

 تۈزەتكۈچىسى: سوغۇق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن تۇز، نانخا، ۋاسالغۇ.   ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن سىركەنجىۋىل.

ئورۇنباسارى: توڭ سويما

چىقىش ئورنى: ھەممە رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.