مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1121 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

پۇرچاق سۈتى (豆浆) قېرى-ياش ھەممەيلەننىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر خىل ئوزۇقلۇق يېمەكلىك بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە «ئۆسۈملۈك سۈتى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە.

پۇرچاق سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا قەدىمدىنلا «بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچسەڭ، كۈندە ساغلام بولارسەن» دەيدىغان گەپ بار.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى 

پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنE، شۇنىڭدەك كالىيسىي، تۆمۈر، فوسفور، سىنك، سېلېن قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

يېڭى پۇرچاق سۈتى قاندا ياغ كۆپ بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، دىئابېت كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋلايدۇ، يەنە جىگەرنى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. 

يېڭى پۇرچاق سۈتى قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىك، تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت پۇرچاق سۈتى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە زىققە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋلايدۇ. 

پۇرچاق سۈتى ئوتتۇرا ياش-ياشانغان ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى تەڭشەپ، ھەيز كېسىلىش ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بەدەن ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پۇرچاق سۈتى قىزلارنىڭ يۈزىگە دانخورەك، يۇشۇرۇن جاراھەت چىقىشنى ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسىنىڭ ئاق، سىلىق، پارقىراپ تۇرىدىغان قىلىدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشىلىك ئىشلار

پۇرچاق سۈتى ئاياللار، ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. پۇرچاق سۈتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايىلراق، شۇڭا ئادەتتە ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، تال زەئىپلىشىشتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر، قورسىقى ئېسىلىدىغانلار پۇرچاق سۈتى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

بوۋاقلارغا كالا سۈتىنىڭ ئورنىدا پۇرچاق سۈتى بەرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.

بەزى دورىلار، مەسىلەن، ئانتىبئوتىك دورىلارنىڭ پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا پۇرچاق سۈتىنى دورا بىلەن بىللە ئىچمەسلىك كېرەك. 

پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە تاتلىقياڭيۇ ياكى ئاپېلسىن يېمەسلىك كېرەك.

پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە ترىپسىننى تورمۇزلىغۇچى ماددىلار بولىدۇ، پۇرچاق سۈتىنى قاينىتىش تېمپېراتۇرىسى 100 سېلىتسىيەگىرادۇس تىن يۇقىرى ھالەتكە يەتكۈزۈلمىسە، ئىچكەندە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا 5~10 مىنۇت پورۇقشىتىپ قايناتقاندىن كېيىن ئاندىن ترىپسىننى تورمۇزلىغۇچى ماددىلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا كالاپەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

پۇرچاق سۈتىنى توخۇ تۇخۇمى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. تۇخۇم تەركىبىدىكى يېپىشقاق ئاقسىل ئاسانلا پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ترىپىسىن بىلەن بىرىكىپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن شۈمۈرۈلمەيدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، پۇرچاق سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. 

پۇرچاق سۈتىگە قارا شېكەر سېلىپ ئىچمەسلىك لازىم. قارا شېكەر تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، ئۆزگىرىشچان چۆكۈندى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاق شېكەر سالغاندا بۇنداق ناچار تەسىر كېلىپ چىقمايدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.