ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، پۈتۈنلەي توخۇ تۇخۇمى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۆردەك تۇخۇمى توخۇ تۇخۇمىدىن چوڭ، شەكلى قېلىن.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB، ۋىتامىنB2، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ھەمدە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ئۆردەك تۇخۇمى سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ھەم قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ مەنپىيلىكىنى تولۇقلاش، ئۆپكىنى تازىلاش، تولغاقنى توختىتىش رولى بار، يەنە چىش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ زەئىپلىشىشنى كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاننى تولۇقلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۆردەك تۇخۇمى مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنى ئوبدان پىشۇرۇپ ئاندىن يېيىش كېرەك، چۈنكى خام ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ بەزىلىرىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، ئۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
تورت، بولكا پىشۇرۇشتا ئۆردەك تۇخۇمى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەبىئىتى سوغۇققان مايىلراق، شۇڭا تال مۇسبەتلىكى يېتەرسىز، سۇغۇقتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدىكى خولېستېرول مىقدارىمۇ يۇقىرىراق، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، جىگە كېسىلى، بۆرەك كېسىلى بارلار ئۇنى ئازراق ئىستېمال قىلىشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.