كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىستېمال قىلىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭدىن يەنە قېتىق، پىشلاق، قايماق قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
كالا سۈتى تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق بار. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈنىگە بىر خالتا كالا سۈتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، شۇڭا ياپونىيەدە «بىر خالتا سۈت بىر مىللەتنى گۈللەندۈردى» دەيدىغان گەپ بار. تايلاند پۇقرالىرىنىڭ پاكار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پادىشاھ، خانىش ۋە ئوردىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى «بالىلار ھەركۈنى كالا سۈتى ئىچىش كېرەك» توغرىسىدىكى تەشۋىقات كۈچ چىقارغان.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كالا سۈتى تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ھەمدە يود، سىنك، كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
كالا سۈتى ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئاشقازاننى ئاسرايدۇ، خىلىت پەيدا قىلىپ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىگە قارىتا تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش رولى بار بولۇپ، دىئابېت كېسىلى ئوزۇنغىچە ساقايمىغانلار، ئۇسساپ تۇرىدىغانلار، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلار، تېنى ئاجىزلار، قان قۇۋۋىتى يېتەرسىزلەر، تال-ئاشقازىنى نورمالسىزلارنىڭ ئاساسلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى قىلىشقا بولىدۇ.
كالا سۈتى ئادەم بەدىنىنىڭ شۈمۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. كالا سۈتى يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، دائىم كالا سۈتى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تېرىنى ئاق، سىلىق قىلىدۇ ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
كالا سۈتىنىڭ يەنە ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ۋە تېرىنى جىددىيلىكىنى پەسەيتىش رولى بار.
دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بەرگەندە، ئادەم تولۇپ تاشقان بەدەن كۈچىنى ساقلىيالايدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ئەرلەرنى قامەتلىك قىلىدۇ.
كالا سۈتىگە ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلاردىكى قان ئازلىق كېسىلىنى ياخشىلايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئادەتتىكى كىشىلەر كۈنىگە 200 مىللىلىتېر، ھامىلدار ئاياللار كۈنىگە 200-400 مىللىلىتېر كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
كالا سۈتىنى ئادەتتە ئىللىتىپ ئىچىشش لازىم. كالا سۈتى ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى كەچتە ئوخلاشتىن بۇرۇن، بۇ ۋاقىتتا كالا سۈتى ئىچسە ھەم ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم كالا سۈتىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلىدۇرۇلىدۇ.
كالا سۈتى ئىچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئازراق بولكا (نان)، تورت-پېچىنە قاتارلىقلارنى يەپ، كالا سۈتىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئۇنى تولۇق ھەزىم بولۇپ شۈمۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.
يېڭى كالا سۈتىنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلىش، ئەڭ ياخشىسى قاينىتىپلا ئىچىش، ئېشىپ قالغىنىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش لازىم. بولمىسا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېتىدۇ.
تال-ئاشقازىنىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزراق كىشىلەر كۆپ مىقداردا كالا سۈتى ئىچمەسلىكى لازىم، تال-ئاشقازان ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنمۇ كالا سۈتى ئىچمەسلىك كېرەك، تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىققا گىرىپتار بولغان بالىلار كالا سۈتى ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ياندۇرۇش خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار كالا سۈتى ئىچمەسلىك لازىم.
تاماكا چېكىدىغانلار ئاسانلا كانايچە كېسەللىكلىرىنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن A تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى يەڭگىللىتىدۇ.
كالا سۈتى بەدەندىكى لەختىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا تازىلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ ياشانغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
خىمىيىلىك دورا ئىچىۋاتقان بىمارلار كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، بەدەننىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
بۆرەك كېسىلى بارلار كالا سۈتىنى زىيادە كۆپ ئىچمەسلىكى لازىم.
كالا سۈتىنى قىزىتىدىغان چاغدا ئۇنى قاينىتىۋەتمەسلىك، قاينىتىدىغان چاغدىمۇ بەك ئۇزاق قايناتماسلىق لازىم. بولمىسا ئوزۇقلۇقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئادەم بەدىنىنىڭ شۈمۈرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئىلمىي ئۇسۇل كالا سۈتىن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىش، سۈت قايناي دېگەندە دەرھال ئوتتىن ئېلىۋېتىش، ئاندىن كېيىن يەنە ئوتقا قويۇشتىن ئىبارەت، مۇشۇنداق قىلىشنى 3-4 قېتىم تەكرارلىسا، ھەم سۈتتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ساقلاپ قالغىلى، ھەم سۈتتىكى باكتېرىيىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.