توخۇ گۆشى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك بولۇپ، ئۇ قورۇپ، شورپا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىپلا قالماي، يەنە كاۋاپ قىلىپ، سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
توخۇ گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا «ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان ئېسىل دورا» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى كۆپرەك بولىدۇ، قىش پەسلىدە دائىم توخۇ گۆشى ئىستېمال قىلىشپ قۇۋۋەت تولۇقلاپ تۇرسا، سوغۇقتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا مۇداپىئەلەنگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېلەر يىلىدىكى سالامەتلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
توخۇنى تۇخۇم توخۇسى، گۆش توخۇسى ۋە ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان توخۇدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقىنى ئادەتتە پۈتۈنلەي سۈنئىي يول بىلەن تاللاپ يېتىشتۈرۈلۈپ، بېقىپ كۆپەيتىلگەن توخۇلار بولۇپ، ياۋا سورتلىرىنى تاپماق ئىنتايىن تەس.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
توخۇ گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنB12، فوسفور قاتارلىقلار بار.
توخۇ گۆشىنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان شۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىلىدۇ، ئۇنىڭ بەدەن كۈچىنى كۈچەيتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.
توخۇ گۆشى ئىچكى ئەزالارنى مۆتىدىللەشتۈرۈپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئۇرۇقنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، يىلىكنى تولۇقلاش، ئەزالارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قان تومۇرلارنى جانلاندۇرۇش، سۆڭەك-مۇسكۇللارنى كۈچەيتىش، زەئىپلىك زىيىنىنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، سوغۇقتىن قورقۇش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، قان ئازلىق، زەئىپلىك قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولى بار.
توخۇ گۆشى شورپىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، توخۇ يۈرىكى يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈرىكى سىقىلىدىغانلار، ئىچى تىتىلدايدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. توخۇ جىگىرى جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلار، ناماز شام قارىغۇسىغا گىرىپتار بولغانلار، قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. توخۇ تۆتى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، كۆكيۆتەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
توخۇ گۆشى ياشانغانلار، ئاغرىقلارش تېنى ئاجىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
توخۇ گۆشى شورپىسى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەممىدىن يۇقىرى بولىدۇ. توخۇ گۆشىنى چوقۇم ئۇزۇنراق ۋاقىت قاينىتىش لازىم. قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىمۇ زۇكام ۋىروسىغا ئوخشاش، ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ، مەيلى توخۇ گۆشى بولسۇن ياكى توخۇ تۇخۇمى بولسۇن، قاينىتىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولسىلا، ۋىروسنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
خوراز گۆشىنىڭ ھارارەت تولۇقلاش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، مۇزەككەر زەئىپلىشىشتىن بەدىنى ئاجىزلاشقانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، مىكىيان گۆشى مەنپىيلىككە تەۋە بولۇپ، توغۇتلۇق ئاياللار، ياشانلغان تېنى ئاجىزلار ۋە ئۇزۇن كېسەل بولۇپ تېنى زەئىپلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەنئەنە جەھەتتە ئەرلەرنىڭ مىكيان گۆشى ئىستېمال قىلىشى، ئاياللارنىڭ خوراز گۆشى ئىستېمال قىلىشى، ئاق شورپا تەييارلاپ ئىچىشى تەكىتلىنىدۇ.
توخۇ گۆشى تەركىبىدە مول ئاقسىل بار. بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توخۇ گۆشى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم؛ توخۇ گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، قىزىتمىنى كۈچەيتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى قىزىتمىغا گىرىپتار بولغانلار ئىسسىقتىن مەيدىسى گىژىلدايدىغانلار توخۇ گۆشى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. توخۇ گۆشى تەركىبىدە فوسفورنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، تۆمۈر تەركىبلىك دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ۋاقتىنچە توخۇ گۆشى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە قاندا ياغ يۇقىرىلاش كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار توخۇ گۆشى شورپىسى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىر تۇتۇشى لازىم؛ زۇكامداپ بېشى ئاغرىۋاتقان، ماغدۇرسىزلىنىپ، قىزىۋاتقانلار توخۇ گۆشى، توخۇ گۆشى شورپىسى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
توخۇ پۈرۈكى باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە راك قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئامبىرى، شۇنداقلا لىمفا ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي، شۇڭا ئۇنىڭ ھەرگىز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
توخۇ گۆشىنى توشقان گۆشى، سازان بېلىق (كارپ بېلىقى)، سامساق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.