مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 965 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەرخەمەك (خاڭگا) غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگۈزۈلگەن. تەرخەمەك تەركىبىدە 96%~98% سۇ بار بولۇپ، چۈرۈك ۋە خۇش پۇراقلىق.

تەرخەمەك گەرچە ئانچە تەملىك بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇنى مېۋە قاتارىدا ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. كۆكتات بازارلىرىدىكى تەرخەمەكنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئۇلارنى ئاساسەن مۇنداق ئۈچ چوڭ تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ:

بىرىنچىسى، تىكەنسىز سورت، ئۇنىڭ پوستى سىلىق، تىكىنى يوق، سۇس يېشىل رەڭدە بولۇپ، چۈرۈك، سۇ تەركىبى كۆپ، بۇ يېقىنقى يىللاردا چەت ئەللەردىن كىرگۈزۈلگەن تەرخەمەك سورتىدۇر.

ئىككىنچىسى، ئاز تىكەنلىك سورت، ئۇنىڭ پوستى سىلىق، ئازراق تىكىنى (كۆپىنچە قارامتۇل رەڭدە) بولىدۇ، پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، سۇ تەركىبى كۆپ، پۇرىقى لەززەتلىك، تاتلىق تەمى بار.

ئۈچىنچىسى، كۆپ تىكەنلىك سورت، ئۇنىڭ پوستىدا تىكىنى كۆپ (كۆپىنچە ئاق رەڭدە) بولىدۇ. پوستى قېلىن، يېشىل رەڭدە بولۇپ، يېگەندە چۈرۈك، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ خىل تىپتىكى تەرخەمەكنى خام يېگەن چاغدىكى ئېغىز سېزىمى ئوخشاش ئەمەس. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تېكەنسىز سورت لاۋزا، ئاز تىكەنلىك سورت تەملىك، كۆپ تىكەنلىك سورت خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

تەرخەمەك تەركىبىدە كالىيسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە ئازراق ۋىتامىنC بار.

تەرخەمەك كالپۇك ياللۇغى، جاۋىغاي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تەرخەمەكنىڭ ئورۇقلىتىش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، يۇتقۇنچاق ئىششىشنى داۋالاش رولى بار.

تەرخەمەكنىڭ يوپۇرمىقى ۋە پىلىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇش، بۆرەككە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھۆللۈكنى تۈگىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاش، ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە؛ تەرخەمەك شىرنىسى قان بېسىمنى تەڭشەيدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زىيادە جىددىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرىدۇ ۋە ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، چىش مىلىكى زەخىملىنىش ۋە چىش ئەتراپى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار، يەنە چاچ چۈشۈش ۋە تىرناق يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىدۇ.

تەرخەمەكنىڭ يەنە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

تەرخەمەكنى خام يېسىمۇ، پىشۇرۇپ يېسىمۇ ياكى شورپا تەييارلاپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ. تەرخەمەك تەركىبىدە ۋىتامىن بىر قەدەر ئاز، شۇڭا دائىم تەرخەمەك ئىستېمال قىلغاندا باشقا كۆكتات، مېۋىلەرنىمۇ بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم. 

تەرخەمەك تەركىبىدە ئاسكوربىك كىسلاتا (ۋىتامىنC) نى ئوكسىدلىغۇچى فېرمېنىت بولغانلىقتىن، خام ئىستېمال قىلغاندا ئۇ ۋىتامىنCنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا تەرخەمەكنى ئەڭ ياخشىسى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ياكى ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا خام يەپ، باشقا كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، تەرخەمەكنى خام يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم پاكىز يۇيۇپ، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

يېڭى تەرخەمەك تەركىبىدە ئىنتايىن يۇمران تالالار بولىدۇ، ئۇ ئۈچەيدىكى چىرىگەن ماددىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ ھەم قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن، سېمىزلىك كېسىلى، خولېستېرول مىقدارى يۇقىرى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم تەرخەمەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە كۆپ پايدىسى بولىدۇ.

تال-ئاشقازىنى زەئىپلەشكەنلەر، قورسىقى ئاغرىيدىغانلار، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر، ئۆپكىسىگە سوغۇق تېگىپ يۆتىلىپ قالغانلار تەرخەمەكنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم؛ جىگەر كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، ئاشقاران-ئۈچەي كېسىلى، شۇنىڭدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار تۇزغا چىلانغان تەرخەمەكنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.