مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1629 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئاچچىقسۇ ئېلىمىزدە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنىش تارىخىغا ئىگە. ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم كۈچلۈك، پۇرىقى مەززىلىك ھەم يېقىشلىق بولۇپ، تەم تەڭشەشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشەش ماتېرىيالىدۇر. 

ئۇنىڭ تۈرلىرىدىن ئاساسلىقى گۈرۈچ ئاچچىقسۇ، سۈرلەنگەن ئاچچىقسۇ، شېكەر ئاچچىقسۇ، ھاراق ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاچچىقسۇنىڭ چۈچۈمەل تەمىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ۋىتامىن B2، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. 

ئاچچىقسۇ قورۇمىنىڭ يېڭى، تاتلىق، مەززىلىك قاتارلىق تەملىرىنى ئاشۇرىدۇ، غەيرىي پۇرىقىنى تۈگىتىدۇ، خام ماتېرىيال تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىدۇ، توخۇ سۆڭىكى، بېلىق قىلتىرىقىنى يۇمشىتىدۇ، خام ماتېرىيال تەركىبىدىكى كالتسىي، تۆمۈر، فوسفورنىڭ ئېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ. 

ئاچچىقسۇنىڭ ئىنتايىن يىرىڭلاتقۇچى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، تولغاق قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى، كېزىك، تارقىلىشچان زۇكام ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. 

ئاچچىقسۇ چارچاشنى تۈگىتىپ، ئادەمنى زېھىن قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، جىگەرنى ئاسراشتىمۇ ياخشى رولى بار.

ئاچچىقسۇنىڭ چىراينى، چاچنى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ، تېرىنى يۇمران، ئاق يۇمشاق قىلىدۇ، جۇڭيى تىبابىتى ئەزەلدىن ئۇنى چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ، چاچ ئۆستۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. 

ئاچچىقسۇ قان تومۇرلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇمشىتىدۇ، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىر خىل ئۈنۈملۈك رېتسىپى ھېسابلىنىدۇ. 

ئاچچىقسۇ يەنە ئاشقازان-ئۈچەي ۋە قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، مەستلىكنى يېشىش رولىنى ئوينايدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە زىققە كېسىلى بارلار ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغانلار، قان بېسىمى تۆۋەنلەر، ئاشقازان يارىسى بارلار ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەنلەر كېسەللىك قوزغىلىپ قېلىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاچچىقسۇنى زىيادە ككپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. سۆڭىكى سۇنغانلارمۇ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

ئاچچىقسۇنى بىۋاستە ئىچكەندە، ئۇنىڭ قويۇقلۇق بەك يۇقىرى، مىقدارى بەك كۆپ بولغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ھەزىم قىلىش يولىنى كۆيدۈرۈپ زەخىملەندۈرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بەلكى زىيادە كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، بەدەندىكى كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاچچىقسۇنى سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن ئاز مىقداردا، ئارىلاپ ئىچسە بولىدۇ. 

ئاچچىقسۇنى ئىمكان بار ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك قاچىغا قاچىلاپ، سالقىن جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.