خاسىڭ يېغى خاسىڭ مېغىزىدىن تارتىلىدىغان ياغ بولۇپ، خاسىڭنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئىگە. خاسىڭ يېغى ئادەم بەدىنىنى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك تەمىنى ئاشۇرىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
خاسىڭ يېغى تەركىبىدە تونۇيمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە سىنك قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىنكنىڭ مىقدارى سالات مېيىنىڭكىنىڭ 37 ھەسسىسىگە، تېرىق يېغىنىڭكىنىڭ 32.6 ھەسسىسىگە، قىچا يېغىنىڭكىنىڭ 16 ھەسسىسىگە، پۇرچاق يېغىنىڭكىنىڭ 7 ھەسسىسىگە تەڭ.
خاسىڭ يېغى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
خاسىڭ يېغى تەركىبىدە كۆپ خىل قېرىشقا قارشى تەركىبلەر بولۇپ، مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ ھەم تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇش، تاماق سىڭدۈرۈش، قۇرت ھەيدەش رولىغا ئىگە.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
خاسىڭ يېغى ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
خاسىڭ يېغىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ياغ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىماسلىق كېرەك. بولمىسا يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.
خاسىڭ يېغى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇپ، قورۇما قورۇشتىن باشقا، يەنە يېمەكلىكلەرنى ياغدا پىشۇرۇشقا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. خاسىڭ يېغىدا قورۇما قورۇشتا، ياغ قىزىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن تۇز سېلىپ، تەخمىنەن 30 سېكۇنت ئېلەشتۈرسە، خاسىڭ يېغى تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان ئافلاتوكسىننى يوقاتقىلى بولىدۇ.
خاسىڭ يېغىنى ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، سالقىن، قۇرۇق جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم. سۈپەت مۇددىتى بىر يىل.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.