مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 667 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

قىچا(油菜) قېنىق يېشىل رەڭدە، يۇپۇرمىقى بەسەينىڭكىگە ئوخشايدىغان، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش قىممىتى كۆكتاتلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ياغلىقدان زىرائىتى ۋە ھەسەل مەنبەسى زىرائىتى بولۇپ، ئۇنى قىچا تىپلىق، بەسەي تىپلىق، كاللەكبەسەي تىپلىق دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.


ئوزۇقلۇق تەكىبى ۋە رولى

قىچا تەركىبىدە ۋىتامىنC، كالىتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى كۈزلۈك بەسەينىڭكىدىن بىر ھەسسىسىدىن ئارتۇق كۆپ.

قىچا تېرىنىڭ زىيادە مۈڭگۈزلىشىشىگە قارشى تۇرىدۇ، قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈش، قاننى تاقىتىپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار، ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدە چىراينى گۈزەللەشتۇرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە. ھامىلىدار ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن قان قېيىۋېلىپ قورساق ئاغرىش، تىلما كېسىلى، ئىششىقتىن ئاغرىش، چىيقان قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار قىچا(كۆكى) نى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق قوشۇمچە داۋالىسا بولىدۇ.

قىچا(كۆكى) كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى قىچا(كۆكى) نىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بايقىغان.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

قىچىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇنى ئاساسىي قورۇما قىلىشقىمۇ، قاينىتىپ، قورۇپ، دۈملەپ، تۇزغا چىلاپ، باشقا كۆكتاتلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىشتا بىر تەرەپتىن توغراپ، بىر تەرەپتىن قورۇش، كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا ھەم ئۇنىڭ يېڭى، چۈرۈك ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى ھەم ئوزۇقلۇقلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

يەپ ئېشىپ قالغان قىچا قورۇمىسىنى بىر كېچە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭدىن نىترىت كىسلاتا تۇزى پەيدا بولۇپ، ئاسانلا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاملىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللار پالىچىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار، قىچىشقاق، قولتۇق پۇراش كېسىلى بارلار قىچىنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.