قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئەمما پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ.
پىۋىنى كۆپ ئىچكەندە سېمىزلىك (پىۋا قورساق) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەمدە جىگەر، تۇغۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەرگە چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، ھەتتا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆپ مىقداردا پىۋا ئىچكەندە يەنە ھۈجەيرىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى بۇزۇپ ئالكوھولدىن زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قاندىكى قوغۇشۇن مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە دۆتلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دورا ئىستېمال قىلىۋاتقان مەزگىلدە پىۋا ئىچمەسلىك لازىم، دورىنى پىۋا بىلەن ئىچىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى پىۋا دورىنىڭ پارچىلىنىشىغا ۋە شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پىۋا ئىچىدىغان چاغدا، پىۋىنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن بولماسلىقى لازىم، ئادەتتە 5-10 سىلسىيە گىرادوس بولسا مۇۋاپىق، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 سىلسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 5 سىلتسىيە گىرادوستىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم، پىۋىنى كۈچلۈك ھاراق بىلەن بىللە ئىچمەسلىك، ئىسپىرتنىڭ ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن كۆپ مىقداردا، تېز سۈرئەتتە شۈمۈرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاشقازان ياللۇغى، جىگەر كېسىلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، دىئابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش ۋە جاراھەت كېسىلى بارلار پىۋا ئىچمەسلىكى، سېمىزلەر پىۋىنى كۆپ ئىچمەسلىكى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.