كەپتەر تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئەتىۋار بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. كەپتەر تۇخۇمىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۆرەكنى، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەپتەر تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنD ۋە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كالىتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ مىقدارى توخۇ تۇخۇمىنىڭكىدىن يۇقىرى.
كەپتەر تۇخۇمى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ياخشىلاپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش، قان ئايلىنىش ياخشىلاش، ئىسسىقىنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە، يەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئىچىدە توختاپ قالغان قاننى تازىلاشقا ياردەم بېرىپ، جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كەپتەر تۇخۇمى بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار، ھەمىلىدار ئاياللار، تېنى ئاجىزلار ۋە ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
بالىلارغا سۇ چېچەك (ئاقئانام) چىقىپ قالغاندا، كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدىن كۈنىگە ئىككى دانە، ئۇدا ئۈچ كۈن يېگۈزۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.