ياڭيۇ ئوزۇقلۇقشۇناسلار تەرىپىدىن «قوسۇرسىز» ئەڭ ياخشى يېمەكلىك دەپ ئاتالغان بولۇپ، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاققوناق بىلەن بىللە دۇنيادىكى بەش چوڭ دېھقانچىلىق زىرائىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تولۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان ھەزىم قىلىنىپ شۈمۈرۈلىدىغانلىقتىن، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە «ئىككىنچى بولكا» دېگەن نامغا ئىگە. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا چىرايلىق ناملارنى بەرگەن، فرانسىيىلىكلەر ئۇنى يەر ئاستىدىكى ئالما دەپ ئاتايدۇ، ئىتالىيىلىكلەر بولسا ئۇنى يەر مېۋىسى دەپ ئاتايدۇ، گېرمانىيىلىكلەر بولسا تەر نەشپۈتى دەپ ئاتايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ياڭيۇ تەركىبىدە مول ۋىتامىنC، ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1، كاروتىن، شۇنىڭدەك كالىي، تۆمۈر، كالتسىي، فوسفور قاتارلىقلار بار.
ياڭيۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى نورماللاشتۇرۇپ، ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەش، قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچەيتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش قاتارلىق رولى بار، ئۇ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش، سوزۇلما ئاشقازان ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىش، تېرىگە ھۆل تەمرەتكە چىقىش، ئاشقازان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە داۋالايدۇ.
ياڭيۇنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خولېستېرولنىڭ ئۈچەيدىكى ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش رولى بار بولۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ۋە خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
ياڭيۇ سەكتىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ھەر ھەپتىدە 5~6 دانە ياڭيۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سەكتە پەيدا بولۇپش ئېھتىماللىقىنى %40 ئازايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بىخلىنىپ قالغان، پوستى يېشىلغا ئۆزگىرىپ قالغان ياڭيۇنى ھەرگىز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككى خىل ياڭيۇنىڭ پوستى ۋە بىخ كۆزى ئەتراپىدا زەھەرلىك ماددا ـــ ئىتئۈزۈمى ئىشقارى شەكىللىنىپ قالىدۇ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا ياڭيۇ پىىشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئادەم بۇنداق ياڭيۇنى يېسە زەھەرلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
ياڭيۇ شىرنىسى ئاشقازان كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر ھەمىشە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى داۋالايدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى، پوستى ئاقلانغان ئىككى دانە ياڭيۇنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن شىرنە سىققۇچقا سېلىپ شىرنىسى چىقىرىپ ئىچىشتىن ئىبارەت.
ياڭيۇنىڭ پوستى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن پوستىنى ئاقلىۋېتىش ياكى پىشۇرغاندىن كېيىن پوستىنى سويۇۋېتىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش لازىم.
كىشىلەر دائىم توغرالغان ياڭيۇنى ياكى ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سۇغا چىلاپ قويۇپ، قورۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئوشۇقچە كراخمالنى چىقىرىۋېتىدۇ. لېكىن ياڭيۇنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت چىلاپ قويۇپ ئوزۇقلۇقلارنى يوقىتىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.