كۆكمۇچ (青椒) يەنە تاتلىق لازا، قورۇما لازىسى، قاپاق لازا دېيىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مېۋىسى بىر قەدەر چوڭ، ئاچچىق تەمى بوشراق ياكى ئەسلا ئاچچىق ئەمەس بولۇپ، تەم تەڭشەش ماتېرىيالى ئورنىدا ئەمەس، بەلكى كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
كۆكمۇچ ئەسلىدە ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدىغان مۇچ (لازا) تىن تەدرىجى ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن، ئۇزۇن مەزگىللىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش داۋامىدا سۈنئىي تاللاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مېۋىسى چوڭ، ئېتى قېلىن ھالەتكە كېلىپ، ئاچچىق تەمى يوقالغان. ئېلىمىز 100 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنى كىرگۈزگەن، ئۇ ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كۆكمۇچ تەركىبىدە مول ۋىتامىنC بار.
كۆكمۇچ ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ، تېرىدىكى قورۇقلارنى ئازايتىش، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ۋە يۇمشاقلىقىنى ساقلاشتا مۇئەييەن ئۈنۈمى بار.
كۆكمۇچ شىرنىسى چاچنى، تېرناقنى ئاسرايدۇ.
كۆكمۇچ ئادەمنىڭ بەدەن كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمىدىن كېلىپ چىققان چارچاشنى تۈگىتىدۇ.
كۆكمۇچنىڭ شۆلگەي ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشنى غىدىقلاش رولى بولۇپ، ئىشتىھانى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كۆكمۇچ قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چىش مىلىكى قاناش، قان ئازلىق، قان تومۇر چۈرۈكلىشىشكە قارىتا قوشۇمچە داۋالاش رولى بار؛ ئۇنىڭيەنە ئىچكى ئەزالارنى ئىللىتىپ، يەلنى ماڭدۇرۇش، سوغۇقنى تارتىپ، ھۆللۈكنى تۈگىتىش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۆكمۇچنىڭ ياپيېشىل ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كۆكمۇچنى جياڭيۇ ئىشلەتمەي قورۇش لازىم، ئەگەر جياڭيۇ ئىشلىتىلسە قورۇمىنىڭ رەڭگى تۇتۇقلىشىپ، تەمىمۇ مەززىلىك بولماي قالىدۇ. كۆكمۇچنى كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى رەڭگى، تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
كۆكمۇچنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
ئاچچىق تەمى كۈچلۈك كۆكمۇچ ئاسانلا بوۋاسىر، چىيقان چىقىش قاتارلىق ياللۇغلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاچچىق كۆكمۇچنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
جاراھەت چىقىپ قالغانلار، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى بارلار، زىققە، كېكىردەك ئىششىش، بوۋاسىر كېسىلى بارلار كۆكمۇچنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.