قارا مور (黑木耳) چىرىگەن ياغاچتىن ئۆسىدىغان بىرخىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولغاچقا، قارا مور دەپ ئاتىلىدۇ.
قارا مورنىڭ ئېتى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، گۆشسىز قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ، گۆش بىلەن بىللە قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
قارا مورنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، «گۆشسىز قورۇمىدىكى گۆش» دېگەن نامى بار، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
قارا مور تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنK، كاروتىېن، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. مور تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەر ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
قارا مورنىڭ قان تولۇقلاش رولى بار. دائىم قارا مور ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قاننى تولۇقلاپ، ئادەمنڭ مەڭزىنى قىزىل، رەڭگىنى نۇرلۇق قىلىدۇ ھەمدە تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
قارا مورنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئاشقازان، ئۈچەينى تازىلاش، قاننى ئۇيۇتۇش، قاننى توختىتىش قاتارلىق رولى بار.
قارا مور قاننىڭ مونەكلىشىشىنى ئازايتىپ، قان نۆكچىسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قارا مور ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، قان سۇيۇلۇپ، ئادەم ئاسانلىقچە مېڭە قان نۆكچىسى، قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىك، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ.
قارا مورنىڭ تالالىق ماددىلارنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىشتەك ئالاھىدە رولى بار، مەقسەتسىز ھالدا يۇتۇۋېتىپ قالغان چاچ، ئۇرۇقچا، ياغاچ پارچىسى، قۇم، مېتال پارچىسى قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان غبيرىي نەرسىلەرنى پارچىلايدۇ ۋە ئېرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇ كان، خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ساقلىقىنى ساقلاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
قارا مورنىڭ ئۆت تېشى، بۆرەك تېشى قاتارلىق ئىچكى مەنبەلىك غەيرىي نەرسىلەرنى ئېرىتىپ پارچىلاش رولى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆسمىگە قارشى ئاكتىپ ماددا بار بولۇپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، دائىم قارا مور ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، راكقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يېڭى قارا مور تەركىبىدە زەھەر (پورفىرىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل توكسىن) بار بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنى ئادەتتىكىچە قورۇپ يېگەندە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان ھەزىم قىلىنىپ شۈمۈرۈلمەيدۇ. ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇل قارا مورنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، ئىلمان سۇغا 24 سائەت چىلاپ قويۇپ كۆبجۈتۈش، ئارىلاشمىلارنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىش، ئاندىن پەس ئوتتا ئالدىرىماي 4 سائەت ئەتراپىداق قاينىتىش لازىم. قارا مور يۇمشاپ، شورپىسى قويۇلغاندا، چوكا بىلەن ئېلىپ باقسا ياكى قوشۇققا ئېلىپ تۆكۈپ باقسا، شورپىسى سوزۇلۇپ يىپتەك ئېقىپ چۈشسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى شېكەر (قەنت) سالماي، سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
قۇرۇتۇلغان قارا مۇرنى قورۇما تەييارلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇپ، كۆبجۈتۈش، كۆبجۈتكەندىن كېيىن يەنىلا چاچلىشىپ تۇرغان قىسمىنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
راك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قارا مور ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. سوغۇقتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.