قوي گۆشى كىشىلەر ئاساسلىق ئىستېمال قىلىدىغان گۆش تۈرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قىش پەسلىدە بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. قوي گۆشى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك، تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇقلار بار، خولېستېرول مىقدارى كالا گۆشىنىڭكىدىن ئازراق، قىش پەسلىدە قوي گۆشى ئىستېمال قىلغاندا، بدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
قوي گۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، قوي گۆشىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە يەنە بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. قوي گۆشى مەيلى شورپا قىلىنسۇن ياكى قورۇلسۇن، ۋە ياكى كاۋاپ قىلىنسۇن، تەمى ئوخشاشلا مەززىلىك.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
قوي گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنB1 ۋە B2، ھەمدە كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي، يود قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
قوي گۆشى قىشتا ئىستېمالقىلىنسا، قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. قوي گۆشى يەنە ھەزىم اېرمېنتىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان دىۋارىنى قويدايدۇ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
قوي گۆشىنىڭ يەنە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، باھنى كۈچەيتىش رولى بار بولۇپ، ئەرلەرنىڭ دائىم ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
قوي گۆشىنىڭ تەمى تۇزلۇقراق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قان توختىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش رولى بار، ئۇنى تۇغۇتتىن كېيىن قاناشتىن بولىدىغان ھۇشسىزلىنىش، سىرتقى زەخىملىنىشتىن قاناش، ئۇرۇلۇپ، يېقىلىپ زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
قوي جىگىرىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، قاننى كۆپەيتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ئازلىق، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ناماز شام قارىغۇسى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، گلاۋكوما قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
قوي گۆشى تېنى ئاجىز، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. قوي گۆشىنىڭ ھارارەت تولۇقلاش رولى بار، شۇڭا ئۇنى ئەڭ ياخشىسى قىش كۈنى ئىستېمال قىلىش لازىم.
قوي گۆشىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا قوي گۆشى ئىستېمال قىلغاندا سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە مۆتىدىل تەبىئەتلىك كۆكتاتلار ماسلاشتۇرۇلسا، سالقىنلىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بولىدۇ.
قوي گۆشى يېگەندە بىرلا ۋاقىتتا ئاچچىقسۇ، چاقما كاۋا ئىستېمال قىلماسلىق، سېرىقلىق چۈشۈش ۋە بېرىبېرى كېسىلى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم، قوي گۆشى يېگەندە دەرھال چاي ئىچمەسلىك كېرەك، بولمىسا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قىزىتما، چىش ئاغرىقى، ئېغىزى، تىلىغا چىيقان چىقىش، يۆتىلىپ سېرىق بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى بارلار قوي گۆشى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. جىگەر كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئۆتكۈر ئۈچەي ياللۇغى ياكى باشقا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار قوي گۆشىنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
قوي گۆشىنى يەل قازاندا پىشۇرۇپ يېيىشتە، گۆشنىڭ يۇمران بولۇشنىلا كۆزلەپ، ئۇنى يېتەرلىك پىشۇرماسلىقتىن ساقلىنىش لازىم.
قوي گۆشىدىن شورپا تەييارلاپ ئىستېمال قىلغاندا، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى يۇمشاق، مەززىلىك بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئەگەر دۈملەشتە مۇۋاپىق دورا-دەرمەكلەر سېلىنسا ياكى ئۆزئارا تولۇقلاش روى بار يېمەكلىكلەر (مەسىلەن: سەۋزە، چامغۇر، پىياز) قوشۇپ پىشۇرۇلسا، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.