مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1162 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئاق ھاراق كۈچلۈك ھاراق بولۇپ، گرادۇسى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇ ئاق قوناق، كۆممىقوناق، تاتلىقياڭيۇ، گۈرۈچ شاكىلى، كۈرمەك قاتارلىق ئاشلىق ياكى باشقا مېۋىلەرنى ئېچىتىش، دىستىللەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، رەڭگى بولمىغانلىقتىن، ئاق ھاراق دەپ ئاتالغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارلىنىشىچە، ئىسپىرت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى ۋە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى قىزىل ۋە بەزگەك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ، بەلكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى ۋە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. 

جۇڭگودا ھەريىلى 114100 ئادەم ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ، ئومۇمىي ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ %1.3 نى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ مېيىپ بولىدىغانلار 2737000 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي مىيىپ بولۇش نىسبىتىنىڭ %3 نى تەشكىل قىلىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ھەريىلى يۈز بېرىدىغان قاتناش ھادىسىلىرى، خىزمەت ھادىسىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئاق ھاراق تەركىبىدە ئاز مىقداردا ناترىي، مىس، سىنك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

ئاق ھاراقنىڭ قاننى جانلاندۇرۇپ، تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، دورىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىشتىھانى كۈچەيتىش، چارچاشنى تۈگىتىش، كەيپىياتنى تاۋلاش، ئادەمنى خۇشخۇي قىلىش، سوغۇقتىن مۇداپىئە قىلىپ، روھلاندۇرۇش رولى بار؛ ئۇ يەنە ئۇششاق قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خولېسترول قاتارلىق ياغغ ماددىلارنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا ئولتۇرۇشىنى كېچىكتۈرىدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ساغلام، 35 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ۋە ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىن ئۆتكەن ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار، جىگەر ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر ياكى جىگەر كېسىلى بارلارنىڭ ھاراق ئىچىشى چەكلىنىدۇ. ھامىلدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ھامىلىگە پايدىسىز بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھاراق ئىچمەسلىكى لازىم. 

پەرزەنتلىك بولۇشنى پىلانلاۋاتقان ئەر-خوتۇنلار ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىل ئىچىدە ھاراقتىن مۇتلەق پەرھىز تۇتۇشى لازىم. 

ئاق ھاراق ئىچىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەرخىل تىنىچلاندۇرۇش دورىلىرى، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ئانىبىئوتىك دورىلار ۋە تۇبېركۇليوزغا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا باش ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.