ھەسەل ئىشچى ھەرىلەرنىڭ گۈل شىرنىلىرىنى يىغىپ كېلىپ ئۇۋىسىغا توپلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، شىرنە يىغىش پەسلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ھەسەلنى ئەتىيازلىق ھەسەل، يازلىق ھەسەل، كۈزلۈك ھەسەل دەپ ئايرىشقا بولىدۇ، بۇلاردىن كۈزلۈك ھەسەلنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى.
ھەسەل بىر خىل تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ، تەمى تاتلىق، كۈچلۈك ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاياللار، بوۋاقلار، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى ساقلىق ساقلاش رولىغا ئىگە، شۇڭا ئۇ «ياشانغانلارنىڭ سۈتى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى باققۇچى ئۈستى يېپىلغان ھەرە ساندۇقىدىن ئالغان ھەسەل تەبىئىي ھەسەل بولۇپ، بۇنداق ھەسەلنىڭ تەركىبىدە سۇ بولمايدۇ، بىر قەدەر ساپ بولۇپ، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ھەسەل تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ھەمدە تۆمۈر، كالتسىي، مىس، مانگان، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ھەسەل ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنى كۈچەيتىش ۋە قان تومۇرنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھەسەل جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنى ئاسرايدۇ، جىگەرگە ياغ ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى تورمۇزلاپ، كىسلاتانىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشىنى ئازايتىدۇ، جاراھەت يۈزىنى ئاسراپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ ئاغرىشىنى پەسەيتىدۇ.
ھەسەل ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھەرخىل قەۋزىيەتكە قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى بار.
ھەسەلنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بار ھەمدە تېرىنى نەمخۇش قىلىپ، تېرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلپ بەرسە، بەدەن كۈچىنى تېز سۈرئەتتە تولۇقلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
ھەسەل ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ، قاننىڭ تەركىبىنى ياخشىلاپ، يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھەسەل يەنە مەستلىكنى يېشىدۇ، ئىچكى ئاجراتما ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشنى تەڭشەپ ئىشتىھانى ئۈنۈملۈك ھالدا كۈچەيتىپ، ئۆسۈپ يېتىلشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ھەسەل ياشانغانلار، كىچىك بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن ھەسەلنى ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تېز شۈمۈرۈلۈپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.
ھەسەلنى يەنە كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى ۋە مېۋە شىرنىسى بىلەن تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، بولكا، نان قاتارلىقلارغا سۈركەپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، شوخلا ۋە تەرخەمەك بىلەن سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىشكە بولمايدۇ، قاينىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچىش لازىم. چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نۇرغۇن ئامىنوكىسلاتا، ۋىتامىنلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ھەسەلنى ئەڭ ياخشىسى ئەينەك قاچىغا ياكى فارفور قاچىغا ئېلىپ ساقلاش ھەمدە سالقىن قۇرۇق جايغا قويۇش كېرەك. ھەسەل تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللارنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى مېتال قاچىغا ئېلىپ ساقلاشقا بولمايدۇ. قۇتىلىق ھەسەلنىڭ سۈپەت مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ.
ھەسەل تەركىبىدىكى شېكەرنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىمۇ يۇقىرى، شۇڭا دېئابېت كېسىلى، سېمىزلىك ۋە قاندا ياغ كۆپ بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم. (لېكىن ھەقىقىي ساپ ھەسەل بولسا دىئابېت بىمارلىرى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ). بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى يۇمران كېلىدۇ، ھەسەلدىن زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەسەل ئىستېمال قىلدۇرماسلىق لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.