جياڭيۇنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل، سۈزۈك، ھىدى كۈچلۈك، تەمى تۇزلۇقراق بولۇپ، ئېسىل تەم تەڭشەش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگودا قەدىمكى دەۋردە جياڭيۇ دادۇر، بۇغداي ۋە ئۇندىن ئىشلەنگەن. ھازىر بولسا جياڭيۇ ئاشلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بولغان پۇرچاق كۈنجۈرىسى، كېپەك قاتارلىقلار خام ئەشيا قىلىنىپ ئېچىتىش ئارقىلىق ئىشلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
جياڭيۇ تەركىبىدە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 قاتارلىقلار بار.
جياڭيۇ يېمەكلىكنىڭ تۇزلۇق تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ خۇشپۇرىقىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە رەڭگىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدۇ.
جياڭيۇ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، بىئاراملىقنى تۈگىتىش، تەمنى تەڭشەپ، ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشقا پايدىلىق.
جياڭيۇ بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تومۇرزلايدۇ، ئاز مىقداردا جياڭيۇ ئىستېمال قىلىنسىلا ئەركىن رادىكاللارنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بەدەننىڭ مەلۇم بىر يېرى قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغاندا، جياڭيۇ سۈركەپ قويسا، ئاغرىقنى توختىتىپ زەھەر قايتۇرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
جياڭيۇنى قورۇمىغا قۇيغاندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت قايناتماسلىق لازىم. ئۇزۇن قاينىتىلسا، تېمپېراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، جياڭيۇ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شېكەر كوكسلىشىپ چۈچۈمەل تەمگە ئۆزگىرىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. جياڭيۇنى قورۇمىنى ئۇسۇشنىڭ ئالدىدىلا قۇيسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
جياڭيۇنى خام پېتى ئىستېمال قىلسا پاكىز بولمايدۇ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر خىل تۈز خۇمار باكتېرىيىنىڭ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تۇزلۇق يېمەكلىكلەردە ساقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايقالدى. جياڭيۇدا ئۇزۇن ۋاقىت ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ئادەم تەركىبىدە تۇز خۇمار باكتېرىيە بار يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلسا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا شوك بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاندىن قالسا، جياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ساقلاش ۋە سېتىش جەريانىدا ھەمىشە بۇلغىنىپ قالىدۇ.
جياڭيۇ ئىستېمال قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى: جياڭيۇنى قاينىتىۋەتكەندىن كېيىن، پاكىز بوتۇلكىغا قاچىلاپ زاپاس تەييارلاپ قويۇشتىن ئىبارەت.
پاختىلىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن جياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردىن قورۇما قورۇغاندا جياڭيۇ قويۇش ھاجەتسىز، چۈنكى جياڭيۇ بۇ كۆكتاتلارنىڭ رەڭگىنى قارامتۇل قۇڭۇر رەڭگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى خۇشپۇرىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ.
جياڭيۇنى سالقىن، قۇرۇق جايغا قويۇپ ساقلاش، ئۇنىڭ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش لازىم. جياڭيۇنىڭ سۈپەت مۇددىتى 6 ئاي.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.