توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ئوزۇقلۇق ئامىللار بار، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى»، «مۇكەممەل ئاقسىل ئەندىزىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغا بىر دانە توخۇ تۇخۇمىدىن، تاشقى مۇھىتتىن ھېچقانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ، بىر چۈجە يېتىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭدىن توخۇ تۇخۇمىدا ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنB2، سېلىن، سىنىك، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
توخۇ تۇخۇمى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر توقۇلمىلىرى زەخىملىنىشىنى ئەسلىگە كۈلتۈرۈش رولى بار. توخۇ تۇخۇمىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
توخۇ تۇخۇمى تۇزغا چىلانغاندىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
توخۇ تۇخۇمى كىچىك بالىلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، ياشانغانلار، ئاغرىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. توخۇ تۇخۇمىنى سۇدا، ھوردا پىشۇرۇپ يېسە ياخشى بولىدۇ، قورۇسا، ياغدا پىشۇرسا گەرچە يېيىشلىك بولمىسىمۇ لېكىن تەستە ھەزىم بولىدۇ.
خام تۇخۇمنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى خام تۇخۇم تەركىبىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز كىشىلەر، مەسىلەن: بوۋاقلار، ياشانغانلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزراق كىشىلەر چالا پىشقان ياكى خام تۇخۇمنى يېگەندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچىيىدە يېقىمسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ.
توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە خولېستېرولنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈنىگە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ياشانغانلار، بولۇپمۇ قاندىكى ياغ مىقدارى تۇراقسىزلاشقانلار ۋە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەي، تۇخۇم ئېقىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى لازىم. تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، كۈنىگە بىردىن ئېشىپ كەتمىسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
يۇقىرى خولېستېروللۇق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توخۇ تۇخۇمىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلماسلىقى، ياكى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەي، تۇخۇم ئېقىنى يېيىشى لازىم، چۈنكى تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولېستېرولنىڭ مىقدارى تۇخۇم ئېقىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گرامدا 1400 مىللىگىرامغا يېتىدۇ.
بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توخۇ تۇخۇمى ئىستېمال قىلماسلىقى، تېرىسىگە جاراھەت چىقىپ يىرىڭلاپ كەتكەنلەرمۇ توخۇ تۇخۇمىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
كۆكىرىپ قالغان، سېسىپ قالغان توخۇ تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغاندا، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئىچىدىكى پەردىسىنى ئېلىپ جاراھەتنىڭ يۈزىگە تېڭىپ قويسا، جاراھەت 3~4 كۈندىلا ساقىيىدۇ. خىزمەتتە چارچاپ مۇسكۇللار ئاغرىغاندا، ئازراق تۇخۇم ئېقى سۈركەپ قويسا، ئاغرىش ئالامىتى پەسىيىلدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.