تەركبى:
پىستە مېغىزى 15 گرام، بادام مېغىزى 15 گرام، ياڭاق مېغىزى 15 گرام، ھەببى زەلەم 15 گرام، خولىنجان 15 گرام، ئاق بەھمەن 15 گرام، چامغۇر ئۇرۇقى 9 گرام، ئاق تۇدەرى 15 گرام، توم زەنجىۋىل 15 گرام، قوۋزاقدارچىن 15 گرام، سەئدى كوفى 9 گرام، كاۋاۋىچىن 9 گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 9 گرام، سېرىقچېچەك ئۇرۇقى 9 گرام، ئەرمىدۇن ئۇرۇقى 9 گرام، زورەمبات 9 گرام، بەسباسە 6 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى 6 گرام، سۆرۈنجان 12 گرام، پىندۇق مېغىزى 15 گرام، ھەببى تۇلخوزرا 15 گرام، چىلغوزا مېغىزى 15 گرام، ماھىرۇبيان 15 گرام، شاقاقۇل 15 گرام، قىزىل بەھمەن 15 گرام، تۇرۇپ ئۇرۇقى 9 گرام، قىزىل تۇدەرى 9 گرام، كۈنجۈت مۇقەششەر (ئاقلانغان) 15 گرام، سۇمبۇل ھىندى 9 گرام، قەلەمپۇر 9 گرام، ھەببى قەلقەل 9 گرام، پىياز ئۇرۇقى 9 گرام، ھەليۇن ئۇرۇقى 9 گرام، دۇرنەج ئەقرەبى 9 گرام، جۇزام 6 گرام، ئۆشنە 6 گرام، سۆئىلەپ مىسرى 6 گرام، قۇشقاچ مېڭىسى 6 گرام،بۇقا چۆيسى 12 گرام، بوزىدان 12 گرام، پىننە 12 گرام، زەپەر 9 گرام، ئۇدخام 6 گرام، كۈمۈش ۋاراق 50 دانە، ئىپار 1.5 گرام، ماشىتىئۇل ئەرەبى 9 گرام، مەستىكى رۇمى 9 گرام، ئالتۇن ۋاراق 30 دانە، ئەنبەر 3 گرام، ھەسەل 3 ھەسسە.
تەييارلىنىشى: مېغىزلىق دورىلاردىن باشقىسىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىرلا ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئاۋۋال مېغىزلىق دورىلارنى يۇمشق سوقۇپ ئارىلاشتۇرىمىز. ئاندىن كېيىن ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق، قۇشقاچ مېڭىسى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئىپار، ئەنبەر، زەپەر، ئاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلار ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: بۆرەك، يۈرەك، مېڭە، نېرۋا، باھنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى، ئومۇمىي بەدەننى سەمرىتىش، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغاش، مەنىي كۆپەيتىش، مەنىي تۇتۇش، خۇشلۇق كەلتۈرۈش، رەڭگىرويىنى چىرايلىق قىلىش، قاننى كۆپەيتىش، سۈيدۈكتىكى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، سوغۇقتىن بولغان پالەچ، لەقۋا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىق، ئومۇمىي بەدن ئاجىزلىق، بۆرەكنى، ئومۇمىي بەدەننى سەمرىتىش، قىزىتىش ۋە قۇۋەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.