خەنزۇچە نامى: 独行菜籽
تونۇش: بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تۇدەرىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، تۇدەرى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي ۋە سۈت كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئاياللاردىكى سۈت كەملىك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تۇدەرىنى قايناتما ياكى شەربەت تەييارلاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ، ھەرخىل قاتتىق ئىششىقلارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن سىرتتىن زىمات قىلىنىدۇ ھەم ھەرخىل ياسالمىلار تەركىبىگە كىرگۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ قاينىتىلمىسى ياكى سۇفۇپىنى داۋامىلق ئىستېمال قىلسا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 10-15 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: تېرىدە ئېچىشىش پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ئۆزىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە تەرلەندۈرۈش.
ئورۇنباسارى: بەھمەن.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ھەم ئامېرىكا، ئىران قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.