ئەرەپچە نامى: تەمرى ھىندى
خەنزۇچە نامى: 罗望子
تونۇش: بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك دەرەخ ئاچچىق پۇرچاقنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈك مېۋىسىنىڭ قۇرۇتۇلغان قېقى <تەمرى ھىندى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئاغرىق توختىتىش، سەپرانى سۈرۈش، مەنىينى تىزگىنلەش، قۇرۇتۇش، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى كۈچەيتىش، ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سەپراۋى قىزىتمىلار، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، مەنىي يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ۋە مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، ئۇسسۇزلۇق، قىچىشقاق، جوزام، سۈيدۈك يولىدىكى جاراھەتلەر، سۆزنەك، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: خەنناق (بوغما) كېسىلىگە قاينىتىپ سۈيى بىلەن غار-غار قىلىنىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىدە ئېغىز چايقىلىدۇ، تەمرى ھىندىنى سۇدا ئېزىپ سۈيى ئىچۈرۈلسە، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ. سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈپ ئازراق شېكەر سېلىپ ئىچسە ھەرخىل قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ، قېقىنى ئېغىزغا سېلىپ شۈمۈپ بەرسە قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشقا پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 25-50 گرام
زىيانلىق تەسىرى: يۆتەل پەيدا قىلىدۇ.
تۈزۈتكۈچىسى: چىلان، شېكەر
ئورۇنباسارى: ئالۇچا، زىرىق.
چىقىش ئورنى: ئادەتتە ياۋا دەرەخزارلىق ۋە ئېتىز قىرلىرىدا ئۆسۈپ قالىدۇ. كۆپىنچە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ھەم ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.