تەركىبى: توم زەنجىۋىل 35 گرام، پىلپىل 35 گرام، ئامىلە پوستى 35 گرام، شەترەنجى ھىندى 35 گرام، سۆئىلەپ مىسرى 35 گرام، بابۇنە ھىندى 35 گرام، شاقاقۇل 35 گرام، بەلىلە پوستى 35 گرام، يۇمىلاق زىراۋەندە 35 گرام، چىلغۇزا مېغىزى 90 گرام، ئاقلانغان نارجىل 35 گرام، پارپا ھىندى 9 گرام، زەپەر 7 گرام، ھەسەل 3 ھەسسە.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ چىلغوزا مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرىدۇ. ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاۋۋال زەپەرنى ئاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: مېڭە، ئاشقازان، جىگەر، ئۈچەي، بۆرەك، باھنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، قاننى قىزىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، پەينى چىڭىتىش، رەڭگىرويىنى چىرايلىق قىلىش، زېھنىنى ئېچىش، ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، بۆرەك، دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاش، چۈشۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئورۇقلىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: بەل، بۆرەك ئاغرىقى، جىنسىي ئاجىزلىق، كەم ماغدۇرلۇق، قان ئازلىق، سوغۇقتىن بولغان پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل، تىل ئېغىرلىق قاتارلىق ھەرخىل كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.