مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1620 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەركىبى: ھەلىيۇن ئۇرۇقى 12 گرام، ئاق تۇدەرى 12 گرام، ئەنجۈر ئۇرۇقى 12 گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 18 گرام، پىياز ئۇرۇقى 18 گرام، شاقاقۇل 12 گرام، ئەرمىدۇن ئۇرۇقى 12 گرام، چامغۇر ئۇرۇقى 18 گرام، قوغۇن ئۇرۇقى 18 گرام، كۈندە ئۇرۇقى 18 گرام، خولىنجان 18 گرام، قوۋزاقدارچىن 18 گرام، بوزىدان 18 گرام، جۇزام 19 گرام، قارىمۇچ 18 گرام، قەنت 2 ھەسسە، ھەسەل 3 ھەسسە.

تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قەنتنى قىيام قىلىپ قىيام بولغاندىن كېيىن ھەسەلنى ئۈستىگە قويۇپ بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاۋۋال زەپەرنى ئاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 

تەسىرى: بۆرەك، باھ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغاش، بۆرەك، ئومۇمىي بەدەننى قىزىتىش، مەنىي كۆپەيتىش ۋە تۇتۇش، بۆرەكتىكى سۈيدۈك يولىدىكى تاشلارنى پارچىلاپ چۈشۈرۈش، سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىشى: جىنسىي ئاجىزلىق، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، سوغۇقتىن بولغان پالەچ، مۇپاسىل ئاغرىقلىرى، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى يوغىناش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم بەش گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.