مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2261 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

خەنزۇچە نامى: 苦豆草

تونۇش: بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېتىزلىق ئاچچىق بۇيىسىنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، <بۇيا>، <بۇيا ئۇرۇقى> ياكى <ئېتىزلىق بۇيىسى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.

شىپالىق رولى: قىزىتمىنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئۆتكۈر سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق، ئاميۇبالىق تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، ساقايمايدىغان جاھىل قوتۇر قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىچكى تەرەپتىن قاينىتىپ ئىچىلىدۇ، سىرتقى تەرەپتىن مەلھەم تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ. تەجرىبىلەرگە قارىغاندا بۇيا ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە قاندىكى شېكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۇرۇقىدىن 500 گرامغا 1000 گرام سۇ قويۇپ قاينىتىپ، سۈزۈپ سۈيى 500 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ قويۇلدۇرۇلىدۇ، بۇنى ھەرقېتىم ئىككى مىللىلىتىردىن كۈنىگە 3-4 قېتىم ئىچسە، ھەرخىل تولغاققا پايدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا مەلھەم تەييارلاپ سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: 3-10 گرام.

زىيانلىق تەسىرى: بۇ زەھەرلىك گىيا بولۇپ، ئەگەر زەھەرلىنىپ قالسا باش قېيىىش، كۆڭۈل ئاينىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئالكالوئىد بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇلىدۇ. 

قوشۇمچە: بۇيا ئۇرۇقى يالغۇز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاساسلىق ئۈچەي ياللۇغى، باكتېرىيەلىك تولغاقلارغا ئۈنۈمى ياخشى، ھەرقېتىم ئىككى-ئۈچ تال ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا زەھەرلەپ قويىدۇ. 

چىقىش ئورنى: ئېلىمىز جۈملىدىن رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلەردىن چىقىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.