مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1756 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەركىبى: چۆبىچىن 30 گرام، سۆرۈنجان مىسرى 18 گرام، قىزىلگۈل 18 گرام، گاۋزىبان مىسرى 18 گرام، بادرەنجى بۇيا 18 گرام، ھېلىلە زەرد پوستى 6 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 6 گرام، ھەسەل 540 گرام. 

تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 

تەسىرى: يەل تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىشى: قىچىشقاق، تەڭگە تەمرەتكە، سوغۇقتىن بولغان مۇپاسىل، بوغۇم ئاغرىقى، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.