ئەرەپچە نامى: تاباشىر
خەنزۇچە نامى: 天竹黄
تونۇش: بۇ باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك كۆك بامبۇك قاتارلىقلارنى بامبۇك پارازىت ھەرىلىرى يەپ كاۋاك قىلغاندا بامبۇك كاۋاك ئارىلىقلىرىدا ساقلانغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ چۈشۈپ قېتىپ قالغان مونەكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ <تاباشىر> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئىچى شۈرۈشنى توختىتىش، قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: خاپىغان، يۈرەك ئاجىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، سەپرا خاراكتېرلىك قۇسۇش، مەنىي تېز كېتىش، بالىياتقۇدىن سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ كېلىشى، قاندىن بولغان بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بۇنى قىزىلگۈل بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلسە ئېغىر كېسەللىكلەر ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، ئۇندىن باشقا چىش ئاغرىقلىرىنىڭ دورىلىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-3 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: باھ ۋە ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، مەستىكى، چىلان، زەپەر، سەبرى.
ئورۇنباسىرى: سېمىزئوت، سۇماق، گىلى مەختۇم، ئاق سەندەل، كاسىنە ئۇرۇقى.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ گۇۋاڭدۇڭ، يۈننەن، گۇۋاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەم چەت ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.