مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى08-ئاينىڭ11-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2014 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

خەنزۇچە نامى: 肉松荣

تونۇش: بۇ شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى يۇلغۇن ۋە بۆرىتىكىنىنىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارلاپ ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك توشقانزەدىكىنىڭ تەڭگىسىمان گۆشلۈك غولىدىن ئىبارەت. ئۇنى دورىغا ئىشلىتىشتە ئۇنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ، توغراپ تەييارلاپ. توشقانزەدىكى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق

شىپالىق رولى: قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بۆرەك ئاجىزلىق، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، قېرىلىق ۋە ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: 8-12 گرام

چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.