ئەرەپچە نامى: قەرنىل ئىل
پارسچە نامى: شاخ گاۋئى زەن
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: باھنى، بۆرەكنى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ئەرلىك قابىلىيەتنى ئاشۇرۇش، جىنسىي بەزنى كۈچەيتىش، مەنىي توختىتىش، يارا، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىشتىھانى ياخشىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، پەي، سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بۆرەك ۋە باھنىڭ ئاجىزلىقى، مەنىي تۇتالماسلىق، يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، ھەرخىل جاراھەتلەر، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىقلار، پەي، سۆڭەك سۇسلۇقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، تاماق سىڭمەسلىك، ئۈھەي جاراھىتى، قۇلۇنجى، جىگەر، تال ئاغرىقى،، قىچىشقاق، بەرەس، ئاق داغ، قوتۇر، تېرە يېرىقلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، ھەيز توسۇلۇش، سۈت كەلمەسلىك، بىقىن ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: باھنى قوزغاش، پۇت-قوللارنىڭ ئاغرىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈشتە قىلىنغان بۇغا مۈڭگۈزى تالقىنىدىن ئۈچ گىرامنى يالغۇز ياكى لوبوبى كەبىر تەركىبىگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.