ئەرەپچە نامى: بىتتىخ
خەنزۇچە نامى: تاۋۇز
تونۇش: بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق پېلەكلىك سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مەشھۇر مېۋىلەرنىڭ بىرى بولغان تاۋۇزنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنىڭ تېنى <تاۋۇز ئېتى> ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى <تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى> مېۋە پوستى <تاۋۇز شاپىقى> قاتارلىق ناملاردا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، تاتلىق بەلغەم پەيدا قىلىش، بەدەننى سەمرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: كۆپ ئۇسساش، ئاشقازان ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، سۆزنەك، بۆرەك ۋە دوۋسۇندا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، گالنىڭ يىرىكلىكى، ئىسىقتىن بولغان قىزىتما، كېزىك، سىل، جۈدەتكۈچى تەپ قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تاۋۇزنى بەدىنى قۇرغاقلارغا سىركەنجىۋىل بىلەن چۈچۈمەل قىلىپ بەرسە، سەپرا ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، ھەزىم قىلىشقا سۈيدۈك ھەيدەشكە بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ، سەۋدا مەنبەلىك كېسەللەرگە سۈت بىلەن بېرىلىدۇ، قىچىشقاقنى داۋالاش ئۈچۈن تەرەنجىبىن بىلەن بېرىلىدۇ. تەپنى يوقىتىپ سەپرانى نورماللاشتۇرىدۇ. تاۋۇزنىڭ شاپىقىدىن ھەسەل ياكى شېكەر بىلەن مۇراببا تەييارلاپ بەرسە كۆكرەك پەردە ياللۇغى ۋە ۋەسۋاسلىك، كۆكرەك ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پىشقان مېۋىسى يېيىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئېھتىياجىغا لايىق بېرىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. باھنى، ئاشقازاننى تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، گۈلقەنت
ئورۇنباسارى: كاۋا
چىقىش ئورنى: ھەممە جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.