مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1257 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تەركىبى؛  كۇشتە قىلىنغان مەرۋايىت 13 گرام، كەھرىۋا 13 گرام، قىرقىلغان پىلە 13 گرام، قوۋزاقدارچىن 13 گرام، ئاق بەھمەن 13 گرام، قىزىل بەھمەن 13 گرام، دۇرنەچ ئەقرەبى 13 گرام، مەستىكى رۇمى 6.5 گرام، ئۆشنە 6.5 گرام، لاچىندانە 6.5 گرام، ئاق سەندەل 19.5 گرام، تاباشىر 20 گرام، قىزىلگۈل 20 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 20 گرام، بىخ مارجان 20 گرام، سېمىزئت ئۇرۇقى 20 گرام، زىخ 32 گرام، ئۇد ھىندى 10 گرام، بادرەنجى بۇيا 10 گرام، ئالتۇن ۋاراق 30 دانە، كۈمۈش ۋاراق 50 دانە، ھەسەل 400 گرام، قەنت 600 گرام، ئاق ئالما سۈيى 300 گرام.


تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى ئالما سۈيى بىلەن قىيام قىلىپ، ئۈستىگە ھەسەلنى قويۇپ، سۇس ئوت بىلەن ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، قىرقىغان پىلە، ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئىپار، ئەنبەر، زەپەرنى يۇمشاق سالايە قلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.


تەسىرى: يۈرەك، مېڭە، جىگەر، ئاشقازان، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، سەۋدانى پەسەيتىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، مېڭە قان تومۇرلىرىدكى توسالغۇلارنى ئېچىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىىش، قان كۆپەيتىش، ئۇنتۇغاقلىق، ئۇيقۇسىزلىق، بىھۇشلۇق، خەفەقان قاتارلىق تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.


ئشلىتىلىشى: ھەرخىل يۈرك، نېرۋا كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىلىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.