Zhongyuan

97100fe403b9
تۇرمۇش دېڭىزىدىن تامچىلار

تۈنۈگۈنلا ساڭا تەئەللۇق بولغان نەرسە بۈگۈن ئۇنداق بولماي قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى سەن، مەن، ئۇ، ھەممىمىز كارۋان. بىلسەڭ، كارۋاننىڭ يولدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمايدۇ.

دۇنيادا ئانىنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» دىن چىرايلىق ناخشا، باھادىرلارنىڭ «ھۇررا» ساداسىدىن جەسۇر سادا، ئاشىقلارنىڭ مەشۇقىنى سېغىنىپ چەككەن «ئاھ» لىرىدىن ھەسرەتلىك پىغان بولمىسا كېرەك.


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 31-03-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 1,665 قېتىم

ئەرەب دۇنياسىدىكى تېرە تاشلاش ھەرىكىتى (2)
ئەرەب دۇنياسىدىكى تېرە تاشلاش ھەرىكىتى (2)
ئەرەب دۇنياسىدىكى تېرە تاشلاش ھەرىكىتى (2)

ئەرەبلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەندىن كۆرە، ئاللاھدىن ئۆزلىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىشىنى تىلىسە مۇۋاپىقتەك. يەھۇدىيلارنى ئاجىز ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلالمىغان ئەرەبلەر ئەمدىلىكتە ئاچچىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، پەلەستىندىكى ئەرەبلەرنىڭ مۇۋاپىق، كىچىك بولسىمۇ دۆلەت قۇرۇۋېلىشىغا ياردەمدە بولسا تېخىمۇ ئوڭ بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ھالى ۋە ۋاقتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 28-03-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,943 قېتىم

ئەرەب دۇنياسىدىكى تېرە تاشلاش ھەرىكىتى (1)
ئەرەب دۇنياسىدىكى تېرە تاشلاش ھەرىكىتى (1)
ئەرەب دۇنياسىدىكى تېرە تاشلاش ھەرىكىتى (1)

نېفىتى بار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلق نامايىش قىلىپ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقسا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇستەبىتلەر بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب نېفىتنى بۇلىماقچى دەپ ۋەز ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئامال قىلىپ پەردازلاپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ . توغرا ئۇلار نېفىت ئۈچۈن كەلدى، ئۇلار ھامان كەلمەكچى ئىدى، بىراق بۇنىڭ سەۋەبىنى بۇ مۇستەبىتلەر شۇنچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغىنى، تەدبىر كۆرمىگەنلىكىدىن كۆرۈش كېرەك.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 24-03-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,451 قېتىم

ۋاپۇرۇش بىلەن پاراڭلىشىش
ۋاپۇرۇش بىلەن پاراڭلىشىش
ۋاپۇرۇش بىلەن پاراڭلىشىش

- ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟

- ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ، ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻗﻨﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻰ ﺳﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻣﺎﻛﯩﻠﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، «ﺗﯩﻤﺴﺎﮬ» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ؛ ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، «ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﻟﻪﺕ ﺑﻪﮔﺰﺍﺩﻩ (花花公子)» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ؛ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻳﻼ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﻗﺎﻟﺴﺎ، «ﺟﻮﺭﺩﺍﻥ» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ؛ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻳﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﻱ – ﮬﺎﻱ… ﺋﯘﭼﺎﻏﺪﺍ «ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


ئاپتورى: | سەھىپە: تەرجىمە ئەسەرلەر | ۋاقتى: 24-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 922 قېتىم

ئۈچ تال پاشا، ئىككى تال چىۋىن، بىر تال سۇۋەرەك ۋە بىر ئوغرى
ئۈچ تال پاشا، ئىككى تال چىۋىن، بىر تال سۇۋەرەك ۋە بىر ئوغرى
ئۈچ تال پاشا، ئىككى تال چىۋىن، بىر تال سۇۋەرەك ۋە بىر ئوغرى

ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﺍﻕ… ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ئۆﻳﻰ… ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﺍﻕ… ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ئۆﻳﻰ… ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﯟﻩﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺳﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪللىنىڭ ﺋﺎھالىلىكلەﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻚ ﺗﻮﻙ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ فامىلىلىك ﺗﻮﻙ ﺗﻪكشۈﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ سوقۇشۇپ ﺋﯘﻧﻰ دەرىزىدىن ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺴﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯘﻧﯘﭘﺘﯘ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺩﻭختۇﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ دېدى. ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﻥ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯕﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ 10 ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺩوﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭ دېدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 20-03-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 938 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)

سەئىدىيە خانى مېنى ئاتا مىراس زېمىنىمدىن ياۋۇزلارچە قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، دەسلەپ كەشمىر…قاتارلىق جايلارغا باردىم. ئەپسۇس، بۇ «كور» بەندىلەر مېنىڭ «كارامىتم»نى ھېس قىلمىدى بولغاي، «خانلىقىمىزنىڭ بۇزرۇك خانى بابۇر ھەزرەتلىرى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بۇزرۇك خانى سۇلتان سەئىدخان ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ھەققىدە ئەھدۇ-پەيمان بار. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى بۇزرۇكۋار نەۋرە كېلىدىغان قېرىنداشلاردىن. بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقلىرىدىن ھەيرانمىز!!» دېيىشىپ مېنى مەسخىرە تاشلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، خەپ دېدىم!!!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-03-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,538 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4

ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ بۆلۈنۈپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ چاۋشيەن ﯞﻩ كورىيە، جۇڭگو ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ شەرقىي ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ كورىيە ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ قوشۇنغا ﺋﯩﮕﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ چاۋشيەن، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ئامېرىكا ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ياپونىيە ﯞﻩ كورىيەدە ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ بولۇپ تۇرۇشى ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدا ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ئۆزگىرىش بولۇشتەك ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪكىللەﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ مۇۋەپپەقىيىتى، چاۋشيەننىڭ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ياپونىيە ﺑﯩﻠﻪﻥ جۇڭگونىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ مەسلىلەر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا بولۇپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 13-03-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,454 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 3
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 3
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 3

سىياسىي ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ دوست ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻳﻮﻕ. ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪنپەئەﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪنپەئەﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ھىسسىياتنى ئارىلاشتۇرۇپ مىللىي قەھرىمان ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ تۇغقان ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ھېچ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ، ئەسەبىيلىكى ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺳﻜﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ يوقىتىش. راستنى ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ راست كۆرسىتىپ، ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ئىنقىلاب قىلىش. مانا بۇ سىياسىي سەھنە.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 10-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,070 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2

ھەربىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، جۇڭگونىڭ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ يۇقىرى ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ. باشقۇرۇلىدىغان ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﺧﯧﻠﻰ يۇقىرى، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺩﻩ چەتئەلگە بولۇپمۇ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ قورال-ﻳﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﯞﻩ ئامېرىكا ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ مۇداپىئەنى ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. جۇڭگومۇ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩدﻩﺕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ، ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ بىرنېمە دېيىش ﺗﻪﺱ.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 07-03-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 949 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10

راست، دېمىسىمۇ مەن مەي-شاراپقا، نەشىگە تولىمۇ ھېرىسمەن. چۈنكى « مەسىت بولغاندىلا ئاندىن ھەقنىڭ دىدارىغا مۇشەررەپ بولغىلى بولىدۇ» . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئالدىنقى مەكتۇبلىرىمدىكى «تەلقىن» نىڭ خاىسىيىتى بىلەن بىر مەنىدە چۈشىنىش مۇمكىن. ئەمدى «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دېگەن گەپكە كەلسەك، مەن موللام ئەمەس، ئىشان. ئىشان بولغاندىمۇ «سۇلتانۇل مۇھەققىقىن» دەرىجىسىگە يەتكەن ئىشان. مېنىڭ سۆزۈملا ئەمەس. ئىش-ھەرىكىتىممۇ سىزلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىشەنمىسىڭىز مەي-شاراپ، نەشىنىڭ كەيپىدىن كېيىن «تەلقىن» گە چۈشۈپ بېقىڭ، «ھەقنىڭ دىدارىغا يەتمىگەنلىكىڭىزنى مەن بىر كۆرەي». «موللام بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيىدۇ» دىگەننىڭ ئاساسىنى مەن ئەمەس، بەلكى شاھ مەشرەپ (بابا رەھىم مەشرەپ) كەلتۈرۈپ چىقارغانغۇ دەيمەن!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 05-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,322 قېتىم

قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1
قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1

2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ئىقتىساﺩﻯ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺭﯦﻜﻮﺭﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ئامېرىكىغا قوﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، تەلەپلىرىنى قوﭘﺎللىق ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ مۇﻣﻜﯩﻦ.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 02-03-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,550 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |