شوپۇر ماشىنىنىڭ رادىئاتورىنىڭ (水箱) ئېغىزىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، ماتورنىڭ قىزىشى بىلەن رادىئاتوردىكى سۇ قايناپ ھور چىققان گەپ. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئىككى قىز ئۇيقۇچىلىقتا ھورنى ئىس دەپ بىلىپ «ۋاي ئوت كەتتى» دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزى بىلەن مۈگدەپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشى گەپنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرا-ئاڭقىرمايلا ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگەن گەپ. ئۇ كىشىنىڭ كىيىمى ماشىنىغا ئىلىنىپ قېلىپ، پۇتى چاق ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ، بولغان ئىش شۇ. ئاۋۇ ۋارقىرىغان قىزلار خېلى يىللاردىن كېيىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولدى. بەزىدە بىرەر ئىش بىلەن شىركىتىمىزگە كىرگىنىدە «يەنە كىملەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ يۈرۈۋاتىسىلەر» دەپ چېقىشىپ قويىدىغان بولدۇم.
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-02-2012 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 747 قېتىم