Zhongyuan

97100fe403b9
ئېسىل پايپاق
ئېسىل پايپاق
ئېسىل پايپاق

- ﻳﻪﻧﻪ بىر ئىش، ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻼﺭﻧﻰ «ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ» ﮔﻪ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯕﻼﺭ، ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟

- ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ، ﮔﻪﭖ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯜﻛﺘﻪ. ﺷﻴﺎﯞﯞﺍﯓ، ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ 3000 ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﻧﺴﺎ، ﺑﯘ ﺋﻪﺗﯩﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎﻣﺪﯗ؟


ئاپتورى: | سەھىپە: تەرجىمە ئەسەرلەر | ۋاقتى: 29-04-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,606 قېتىم

«ئۇچ» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1400 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 552—745-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 605-846-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﻩ «ﺋﯘﭺ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ مەھمۇد كاشغەرىي ﺋﯘﻧﻰ «ﺋﯘﭺ» مەشھۇر ﺑﯩﺮ شەھەرنىڭ ﻧﺎﻣﻰ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺷﯘﻛﻰ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 630-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، 648-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯘﭼﺎ ﺗﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. «ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭺ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻧﺴﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ (温肃州) ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻮﻧﺴﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻖ (大石成 ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ <ﺋﯘﭺ> (乌赤) ﺋﯩﺪﻯ». ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 600-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ «ﺋﯘﭺ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ مەھمۇد كاشغەرىي، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ھاجىپلار ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1000-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺋﯘﭺ» مەشھۇر ﺑﯩﺮ شەھەرگە ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ «ﺋﯘﭺ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺑﯧﮕﻰ»، «ﺋﯘﭺ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺧﺎﻧﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 850-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1212-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ) ﺩﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «ﺋﯘﭺ» شەھىرى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ مەركىزىي ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ شەھەر ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 25-04-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,411 قېتىم

ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە
ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە
ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە

ئىي ھايۋان، توپان قايتىپ زەيتۇن شېخىنى چىشلىگەن كەپتەر قايتىپ كەلگەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام «شۈكرى، ھاياتلىق باشلىنىپتۇ» دەپ دۇئا قىلغاندا، بۇ كۈنگە قېلىشنى ئويلىغان بولغىيمىدىڭ؟

ئىي ھايۋان، ئىككىنچى ھاياتلىق باشلانغاندا، نۇھ كېمىسىدىن ئادەم زاتى بىلەن بىللە زېمىنغا چۈشكەندە، بۇ كۈنگە قېلىشنى ئويلىغان بولغىيمىدىڭ؟

ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە!!!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-04-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 2,392 قېتىم

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

دېمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم» ياكى «ئاقسۇ» بەگلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ (ۋېنسۇ) بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، يۇرت تارىخى ۋە نامىنى 2-قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن، قەدىمكى ۋېنسۇ (ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى-كونا ئاقسۇنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزمۇ؟ باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىقان قىلمايلى! ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاتىلىشى بويىچە ئاتالسۇن! ئەۋلادلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تېنىتىپ قويمايلى!


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-04-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,125 قېتىم

قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ؟

يېقىندىن بېرى تېلېفون، E-mail لاردا (ھازىر QQ نى كۆپ ئىشلەتمەيمەن) مەن بىلەن ئەسرالىشىشنى، پاراڭلىشىشنى ئىستىگەن بىر نەچچە بۇرادەرلەر بىلەن دىدارى-مۇلاقاتتا بولدۇم. بىر ۋاق تاماق يېيىشكەچ، ئۇ يەر-بۇ يەرنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ مۇڭداشقانمۇ بولدۇم. بۈگۈن ئىككى بۇرادەر يەنە شۇ خۇسۇسىدا تېلېفون قىلىپتۇ. بۇرادەرلەرنىڭ مېنى يېقىن كۆرۈپ مۇڭداشماق بولغانلىقىغا خۇرسەن بولدۇم-يۇ، ئويلىنىپ قالدىم. كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ؟ مەندىن قانداقمۇ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ياخشى پىكىرلەر چىقسۇن؟


ئاپتورى: | سەھىپە: بىلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 16-04-2011 | باھا: 13 پارچە | زىيارەت: 1,851 قېتىم

قىسمەت بىلدۈرگۈسى

قىسمەت بلوگى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى (ئېتىقادى، شەخسىيىتى ۋە باشقىلار) غا دەخلى يېتىشىنى قوللىمايدۇ. پاكىتسىز يازما، ئىنكاسلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى خالىمايدۇ، ئېلان قىلىنغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

قىسمەت بلوگى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يېزىلغان يازما ۋە ئىنكاسلار پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ. دېمەكچىكى، قىسمەت باشلىق بلوگ جامائىتى ئۆزى يازغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ تولۇق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.


ئاپتورى: | سەھىپە: بىلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 15-04-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,223 قېتىم

تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى
تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى
تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى

ئامانبەگ ئۆزىنىڭ ساددا ھېسسىياتى بويىچە، خې فېيغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تونۇشلۇق بېرىدۇ. ئەپسۇس، نەچچە قېتىملىق قانلىق جەڭلەردىن ئامان قالغان بۇ باھادىر بۇ قېتىم ئۆز ئايىغى بىلەن ئۆلۈم ئالدىغا بارىدۇ…

شۇنداق قىلىپ، ئامانبەگ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، خې فېي بىلەن بىرلىكتە باغلىنىپ، مۆلجەر تاغ راۋىقىدىن ساڭگىلىتىلغان ئارقانغا ئېسىلدۇرۇلۇپ تاغدىن تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسىتى تاغدىن قاپ بېلىدە بىر مەزگىل ئېسىقلىق تۇرغاندىن كېيىن، چىرىپ بىر نەچچە پارچە ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالىدۇ…


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 12-04-2011 | باھا: 14 پارچە | زىيارەت: 2,724 قېتىم

ئەڭ ئاخىرقى دەرس
ئەڭ ئاخىرقى دەرس
ئەڭ ئاخىرقى دەرس

فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ.

ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ-گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.


ئاپتورى: | سەھىپە: ئۆزگىلەردىن باشاقلار | ۋاقتى: 08-04-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,553 قېتىم

يۇلتۇز (قىزىم) خاتىرىسى
يۇلتۇز (قىزىم) خاتىرىسى
يۇلتۇز (قىزىم) خاتىرىسى

ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﯩﺰﯨﻢ، 24 ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ئاﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﭘﯩﻠﺘﯩﯖﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ئۈچ ﻳﺎﺷﻘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ. 13 ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ئۈچ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﯕﺪﻩ ئاﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺗﻮﻧﯘﺵ- ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ «ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ» ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ… ﯞەھاﻛﺎﺯﺍﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻣﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ئۆﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ئاﻟﻼھ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻳﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ (ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ھەم ھېچقىسى ﻳﻮﻕ)، ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﯕﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ «ﻳﺎﺭﺍﻳﺴﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻢ، ﻳﯩﮕﯩﺘﺘﺘﻪﻙ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ» ﺩﻩﺭﻣﻪﻥ، ئاللاھدىن ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 04-04-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 1,472 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |