خوجانىياز (ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ئىنستىتۇتى دوتسېنتى، قىسمەت بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى)
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر بىز ئۇچتۇرپان دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ يۇرت، چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلدىن مىلادى 220-يىلغىچە) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان ئونسۇ بەگلىكى (温宿国) نىڭ تۇرۇشلۇق زېمىنى بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقى شۇ زامانغا يارىشا خېلى تەرەققىي قىلغان قۇلدارلىق تۈزۈمدە كېتىۋاتقان قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ شىمالىي يول بەلبېغىغا، تارىم بوستانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان «شەھەر دۆلەتلىرى» نىڭ بىرى ئىدى.
بۇ ھەقتە «خەننامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئونسۇ بەگلىكىنىڭ مەركىزى ئونسۇ شەھىرى، بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8350 چاقىرىم كېلىدۇ، ئاھالىسى 2200 تۈتۈن، نوپۇسى 8400 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە يارايدىغىنى 1500 نەپەر…غەربتىن سەپەر باي(尉头国) غا 300چاقىرىم، شىمالدىن ئاسىيۇلار باشكەنتى (ئوردىسى) قىزىل قورغانغا 610 چاقىرىم كېلىدۇ. يېرى ۋە مەھسۇلاتلىرى پىشامشان (كروران ) بەگلىكىگە ئوخشاش، شەرقتىن قۇم بەگلىكى (يەنى قەدىمكى ئاقسۇ) غا بېرىش ئۈچۈن 270 چاقىرىم يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ».(1) مانا بۇ ئوچۇقلىمىغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى «ئونسۇ بەگلىكى» ئۇچ تەۋەسىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن شەرققە قاراپ قۇم بەگلىكى (قەدىمكى ئاقسۇ) گە بېرىش ئۈچۈن 270 چاقىرىم يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. قەدىمكى «قۇم بەگلىكى» بۈگۈنكى ئاقسۇ كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر تەۋەسىدە بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئەل-بەگلىكى (خاندانلىق) ئىدى.
ئونسۇ بەگلىكىنىڭ مەركىزى ئوردىسى ئۇچ (ئۇچتۇرپان) دا (ئۇچتۇرپان يېڭىئاۋات يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۈلباغ مەھەللىسى ئاتۇز تاغ باغرىغا جايلاشقان، بۇ دەل ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا ئۇدۇل كېلەتتى) ئىدى.
قەدىمكى «قۇم بەگلىكى» (ئاقسۇ) ھەققىدە «خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «قۇم بەگلىكى (姑国墨) نىڭ باشكەنت – مەركىزى جەنۇبىي شەھەر، بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8150 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 3500 تۈتۈن، نوپۇسى 24مىڭ 500 نەپەر، ياراملىق ئەسكىرى 4500نەپەر، جەنۇبتىن خوتەنگە ئاتلىق 15 كۈنلۈك يول، شىمالىي ئۇيسۇن(乌孙) لار بىلەن تۇتىشىدۇ. ئاقسۇدىن مىس، تۆمۈر، سېرىق مەرگىمۇش چىقىدۇ. شەرقتىن كۈسەن (كۇچا) غىچە 670 چاقىرىم كېلىدۇ». (2) مانا بۇ پاكىت ئاقسۇ كونا شەھەرنىڭ قەدىمدە «ئونسۇ» دەپ ئاتالماستىن بەلكى «قۇم» دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دىكى ئونسۇ بەگلىكىنىڭ يەر-زېمىنى، مەھسۇلاتلىرى، قورال-سايمانلىرى پىشامشان (كروران) بەگلىكىگە ئوخشاش، دېگەن ئوچۇقلىمىغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ئونسۇ بەگلىكىنىڭ يېرى قۇم، شورلۇق، تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز، ئوت-چۆپ يايلاقلىرى كۆپ، تاغ–دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، خەلق چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان، ئات-ئېشەك، تۆگە، قوي قاتارلىق مال-چارۋىلىرىنى كۆپلەپ باققان. تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز بولسىمۇ، ئاشلىق تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ھەتتا قوشنا ئەللەرنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئاشلىق تېرىغان. بەزى ھاللاردا قوشنا ئەللەردىن ئاشلىق سېتىپ ئالغان.
ھەربىي قورال-ياراق جەھەتتە، قوشۇنلىرى ئوقيا، نەيزە، قىلىچ ،خەنجەر تۇتۇپ ،ئىشمەك (دۇبۇلغا) ساۋۇت كىيگەن. ئوڭ، سول سەركەردىلىرى، ئوڭ، سول كاھىبەگلىرى، ئوڭ، سول ئاتلىق قوشۇن بەگلىرى، ئىككى نەپەر تىلماچ بېگى قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بولغان. تاغلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى چىققان.
ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمدە خەنچە ۋېنسۇ 温宿 («ئونسۇ») دەپ ئاتالغانلىقىغا دائىر يەنە «غەربىي يۇرت يەر ناملىرى» لۇغىتىدە مۇنداق ئوچۇقلىمىنى ئۇچرىتىمىز: «ئونسۇ بەگلىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇرۇشلۇق ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەسىدە» (3) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە تۈركىيىلىك تارىخچى ئالىم، پروفېسسور باھائىدىن ئۆگەل ئۆزىنىڭ «بۈيۈك ھون ئىمپېراتورلۇقى تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە توبا خانلىقىنىڭ تارىخىي ئۇستىدە توختىلىپ، كۇچا بەگلىكىگە باغلىق بولغان بەگلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇچتۇرپان温宿 (ۋېنسۇ) بولۇپ، ۋېنسۇ ؟ئاتلىق كەنتتۇر. بۇ ئاقسۇ (قۇم) بەگلىكىنىڭ شىمال غەربىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۇچا بەگلىكىگە باغلىقتۇر». (4) قۇم بەگلىكى ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارغا ئىگە بولىمىز: «قۇم بەگلىكى غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى بەگلىك، ئورنى بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ كونا شەھەر،ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ، خەلق دېھقانچىلىقنى ئاساس ،چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلاتتى» (5) «قۇم بەگلىكىنىڭ ھازىرقى ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىدە ». (6) مانا بۇ تارىخىي پاكىتلار تارىختىكى温宿国 بەگلىكنىڭ قانداقتۇر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاقسۇنىڭ قەدىمدە «قۇم بەگلىكى»(姑墨国) دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، «قەدىمكى قۇم بەگلىكى» (姑墨国) يەنى «ئاقسۇ» بوستانلىقىنىڭ ئەتراپلىرىنى قۇملۇق، چۆللەر قورشاپ تۇرغاچقا، بۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ئاساسەن «قۇم»دەپ ئاتالغان.
مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قەدىمكى قۇم بەگلىكى (ئاقسۇ كونا شەھىرى) نىڭ قەدىمدە «بارمان» دەپ ئاتالغانلىقنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يۇڭئۇ – بارمان شەھەرچىسىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى، بۇ شەھەرنى ئەفراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) نىڭ ئوغلى شۇ دەريانىڭ بويىغا قۇرغان. قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى بارمان بولۇپ، شەھەر ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان». (7) بۇنىڭدىن قارىغاندا قەدىمكى قۇم بەگلىكىنىڭ باش كەنتى جەنۇبىي شەھەر مىلادىدىن 6-7 ئەسىر بۇرۇن تۇران خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ئوغلى «بارمان» نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولىدۇ (؟). ھازىر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قىزىل يېزىسىغا كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا «پامان» دېگەن مەھەللە بار. قاراڭ، «پامان»، «بارمان» دېگەن سۆزگە؟ بۇ قەدىمكى قۇم (ئاقسۇ كونا شەھەر) بەگلىكىنىڭ باشكەنتى- «بارمان» ھازىرقى «پامان» ئەتراپىغا جايلاشقانمۇ قانداق؟ دېگەن ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. قەدىمكى قۇم بەگلىكىنىڭ شىمالىي شەھىرى ھازىرقى قارا يۇلغۇن قەدىمى شەھەر خارابىسى ئورنىدا بولۇپ، بۇ جايدىن ئىپتىدائىي جەمئىيەت تۇرمۇشىغا ئائىت نۇرغۇن بۇيۇملار تېپىلدى.(8)
قۇم ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «قۇم شەھىرىمۇ چېگرا ھېسابلىنىدۇ. قۇم تۈركچە سۆزدۇر. ئەفراسىياپنىڭ قىزى بۇ يەردە دائىم ئوۋ قىلاتتى».(9) دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى قۇم بەگلىكى دەل ئاقسۇ قارا يۇلغۇن قەدىمى شەھەر خارابىسى ئورنىنى كۆرسەتسە كېرەك؟ «چۈنكى قارا يۇلغۇننىڭ شەرقىدىكى بىپايان قۇملۇق تارىختىن بېرى كۇچا بىلەن ئاقسۇ، باي بىلەن ئاقسۇنىڭ چېگرىسى ئىدى».(10) شۇنداقلا قاراخانىيلار خانلىقى (850-1212) بىلەن بۇددىست «ئىدىقۇت (قۇچۇ) ئۇيغۇر خانلىقى (848-1369) نىڭمۇ تەبىئىي چېگرا پاسىلى ئەنە شۇ قۇملۇق ئىدى. تىلشۇناس ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قۇم شەھىرى چېگرا ھېسابلىنىدۇ» دېگىنى ئەنە شۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقىنى بولسا كېرەك.
راھىب شۈەنجۇاڭ «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دە: قەدىمكى قۇم-قۇمبالىق دېگەن تۈركچە سۆزنى سانسىكىرىتچە «ۋالۇكا» دەپ يازغان. بۇ قۇم، قۇمبالىق دېگەن سۆزنىڭ سانسىكىرىتچە ئىپادە قىلىنىشى ئىكەن (يۈۋېيچىڭ: «شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى يەر ناملىرى تەتقىقاتى» 1986–يىلى خەنزۇچە 60-بەتكە قاراڭ). دېمەك ،يۇقىرىقى پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاقسۇ كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر تەۋەسى قەدىمدىن تارتىپ مىلادى 1300-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقلاردا «قۇم»، «قۇمبالىق» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.
ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇچ (ئۇچتۇرپان ) قەدىمدە ئونسۇ دەپ ئاتالغان؟
قەدىمكى چاغدا ئۇچ زېمىندا تەڭرى تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئون چوڭ ئېقىن (ئون سۇ) بار بولۇپ ئۇلار بارا-بارا قوشۇلۇپ ئېقىپ توشقان دەرياسىنى ھاسىل قىلاتتى. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەنە شۇ ئون ئېقىن–ئونسۇ ياكى توشقان دەرياسى ۋادىلىرىدىكى تاغ باغرى تۈزلەڭلىكلەردە ھاياتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى.ئۇچ (ئۇچتۇرپان) شۇ چاغدا ئونسۇ (ئون دەريا ۋادىسى) ياكى توشقان دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ يۇرت خەلقى يۇرتنىڭ نامىنى «ئونسۇ» دەپ ئاتىغان. خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ خەن سۇلالىسىگە دەۋرىگە كەلگەندە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلدىن 126-يىلغىچە 1-قېتىم ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 119-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 115-يىلغىچە 2-قېتىم خەن سۇلالىسىدىن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كەلگەن مەلۇماتچى جاڭ چيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى غەربىي يۇرت خەلقى ۋە غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئۆرپ-ئادىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، سىياسىي، ئىقتىسادى تۈزۈمى، قاتناش يوللىرى، ھەربىي، مەدەنىيەت ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ئوچۇقلىمىغا ئىگە بولغان.(11) ئۇلار ئۇچنىڭ قەدىمكى نامى «ئونسۇ» نى ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، «ئونسۇ» دېگەن نامنى خەنچە «ۋېنسۇ» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يازغان. ھازىرمۇ ئۇچتۇرپان تەۋەسىدە ئون نەچچە دەريا -ئېقىن بار، ئۇلار: توشقان دەرياسى، بەدەل دەرياسى، كۆكۈرۈم دەرياسى، گۈگۈتلۈك سۇ، قايچا دەرياسى، يېڭىئارىت دەرياسى، زىندان دەرياسى، چوڭتاش دەرياسى، ئۇزەتقۇش دەرياسى، قۇمئېرىق دەرياسى قاتارلىقلار. ھازىرمۇ ھەم توشقان دەرياسىغا قويۇلىدىغان ئاقچى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر تارماق دەريانىڭ «ئورۇن ئونسۇ» دەرياسى دەپ ئاتىلىشى، ئۇچنىڭ قەدىمدە «ئونسۇ» دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ ئىزى بولسا كېرەك. چۈنكى تارىخىي يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدىكى ئونسۇ بەگلىكى ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنى ئاساس قىلىپ، شەرقىي شىمال تەرەپتە ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ شىمالىي جايلىرىنى، يەنى قىرمىش ئاتا مازىرى، يېڭئارىت، تېرىم، ئارى، ئويبۇلاق قاتارلىق جايلارنى، قۇم ئېرىق دەرياسىنىڭ شەرقىي جەنۇب ۋادىلىرى، تۇمشۇق، ئويىتېتىر، ئارال، چاغراق قاتارلىق جايلارىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. غەربىي جەنۇب تەرەپتە ھازىرقى ئاقچى ناھىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن 1980 – يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرچە تارىخىي كىتابلاردىن «ئونسۇ» دېگەن سۆزنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟ «ئونسۇ» سۆزى خەنزۇچە 温苏 (ۋېنسۇ) دېگەن سۆز ئاساسىدا ياساپ چىقىلغانمۇ- قانداق؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.
1980-يىللارغىچە بولغان ئۇيغۇرچە تارىخىي كىتابلاردا «ئونسۇ» دېگەن سۆزنىڭ كۆرۈلمەسلىكىدىكى سەۋەب، ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ، يېزىق ئالماشتۇرغان. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ تارىخىنى باشقا چەتئەل تىلىدا يازغان. شۇ سەۋەبتىن قەدىمكى زامان تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمەي ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلغان. بەزى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز بىرخىل يېزىقتىن باشقا ھەرخىل يېزىق قوللانغان. مەسىلەن: «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى(北史) »، «جۇ پادىشاھلىقى تارىخى (周书)» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە تۇرپان رايونىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز يېزىلىشى خۇاشياچە-خەنزۇچە، ئوقۇلۇشى خور (ئۇيغۇرچە) يەنى خەنزۇچە يېزىپ ئۇيغۇرچە تىلدا ئوقۇيدىغان خەت ئالاقە ئىشلىرىنى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (مىلادى439-580-يىللار) دىن باشلاپ ئېلىپ بارغان.
11-ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «قۇچۇ (تۇرپان) ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقى بار، رەسمىي ھۆججەت، خەت-چەكلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. ئۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ»(13) دەپ ئېنىق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن. بۇ خاتىرىلەر ئارخېئولوگىيە پاكىتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئەمەلىي پاكىتلار دەل مۇشۇنداق بولۇپ چىقتى. مىلادى 3-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە ئائىت ھۆججەتلەر، ئەسەرلەرمۇ كۆپ تېپىلدى. تاڭ شۇەنزاڭ (مىلادى 602–664-يىللار) مۇ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دە «قەشقەر، خوتەن، كۇچالىقلار ھىندى يېزىقى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىلى ھىندى تىلى ئەمەس». (14) دەپ ناھايىتى ئېنىق يازغان. دېمەك، تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردە يېزىلىشى ھىندىچە، ئوقۇلۇشى ئۇيغۇرچە بولغان خەت-ئالاقە ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئەمما خەنلەر بولسا باشىتىن–ئاخىر قەدىمدىن ھازىرغىچە يېزىق ئۆزگەرتمىگەن (زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاز-تولا ئىسلاھ قىلغان بولسىمۇ) ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ۋە قوشنا خەلقلەرنىڭ تارىخىنى جۈملىدىن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئەھۋالىنى قەدىمكى چاغدا قانداق ئاتالغان بولسا، شۇ ناملارنى خەنچە ھەرپ (خەت) بىلەن ئەسلى تەلەپپۇز بويىچە ياكى سۆزلەرنى قىسقارتىپ ياكى مەنىسىنى خەنچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرى (24تارىخ) گە پۈتۈن ماڭغان. مەسىلەن: «خەننامە ھونلار تەزكىرىسى» دە ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر–ئوغۇزلارنى ۋۇجېي(乌揭) ياكى خۇجېي (呼揭) دەپ يازغان. تەڭرىتاغ دېگەن ھونچە سۆزنى تيەنشەن (天山) دەپ يازغان. تۈركچە «ئاق تاغ» دېگەن سۆزنى (بەيشەن) دەپ يازغان. تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان «قۇش» لارنى «كىۋوشى» (车师) ياكى «گۇشى» (故师) دەپ يازغان. ئۇيسۇن–ئاسيولارنى «ۋۇسۇن» (乌孙) دەپ يازغان، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئىلى بەگلىكىنى «يىلېگو» (伊列国) دەپ يازغان. ئالتۇن تاغ دېگەن سۆزنى «جىن شەن» (金山) دەپ يازغان. ساكلارنى بولسا «سەيجوڭ» دەپ يازغان. قەدىمكى قەشقەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ «سۇ ئېلى» دەپ ئاتايدىغانلىقىغا ئاساسەن «سۇلى» دەپ يازغان. قەدىمكى «ئاقسۇ بەگلىكى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇم» دەپ ئاتايدىغانلىقىغا ئاساسەن خەنچە «گۇمۇ» (故墨国) دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يازغان. ئۇچتۇرپاننى قەدىمدە ئۇيغۇرلار «ئونسۇ» (يەنى ئون دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بەگلىك) دەپ ئاتىغانلىقتىن خەنلەر بۇنى «ۋېنسۇ» (温苏) دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يازغان.
«24 تارىخ» تىن «تارىخىي خاتىرىلەر»، «خەننامە» ۋە «كېيىنكى خەننامە» لەردىكى «ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى» نى تاللاپ تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى پېشقەدەم تەتقىقاتچى، ئالىملار ناھايىتى زور مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن «ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە مۇمكىن قەدەر سۆز–ئىبارىلەرنىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە شۇ ئاساستا سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بېكىتىپ چىققان» (15) . «ئونسۇ» مۇ شۇنىڭ ئىچىدە . ئۇلار خەنچە ۋېنسۇ(ئونسۇ) نى ئۇچ بەگلىكى دەپ ناھايىتى توغرا دەلىللەپ ئالغان. «ئونسۇ» دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانلىقىدا قوللىنىلغان. ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانى بايانچۇرنىڭ خاتىرىسىگە قويۇلغان مەڭگۈ تاش (بۇ تاش مىلادى 757-يىللىرى ئورنىتىلغان) تا: «ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەرياسى… بويلىرىدا ياشاۋاتقان خەلق ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئۇيغۇرلارنى 100 يىلدىن ئارتۇقراق بىز ئىدارە قىلدۇق» دەپ يېزىلغان (16). بۇ ھەقتە موڭغۇل ئېلىخانىلار دۆلىتىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى فەزلۇللا رەشىدىدىن بىننى ئۇبۇل خەير ھەمەدانى (1247-1318) «جامىئوتتاۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە بايانچۇر قاغان (بىلگە قاغان) مەڭگۈ تېشىدا دېيىلگەنلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەلۇماتنى بېرىدۇ: «بۇرۇنقى زاماندا ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى <بۇقراتۇبۇزلۇق>، يەنە بىرىنى <ئاشقۇنلۇق تەڭرى> دەپ ئاتىغان. بۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا <قارا قۇرۇم> دېگەن بىر تاغ بار، ئۆكتاي خانىنىڭ ئوردىسى ئەنە شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يۇقىرىدىكى ئىككى تاغنىڭ يېنىدا يەنە <قۇتتاغ> دېگەن بىر تاغ بار، بۇ تاغنىڭ بىر يېرىدىن ئون دەريا (ئون سۇ) ، يەنە بىر يېرىدىن توققۇز دەريا (توققۇز سۇ) ئېقىپ چۈشىدىكەن. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەنە شۇ دەريا ۋادىلىرىدىكى تاغ ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىكەن. ئون دەريا ۋادىسىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقانلار ئون ئۇيغۇر، توققۇز دەريا ۋادىسىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقانلار توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان ئىكەن» (17). يەنە ئوخشاشلا خۇراسانلىق جۈۋەينى 1250-يىلى يازغان «تارىخىي جاھان گۇشاي» (جاھاننى ئىستېلا قىلغۇچىلار تارىخى)، 17- ئەسىردە ياشىغان خارەزىم شاھى ئەبۇلغازى مۇھەممەد باھادۇرخان بىننى ئەرەبشاھ مۇھەممەدخان (1606-1663) تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخىي شەجەرەئىي تۈرك» ناملىق ئەسەردىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا مەلۇمات قالدۇرۇلغان . قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلقلەردە دەريا، ھەربىي قوشۇنلارنى «سۇ»دەپ ئاتايدىغان ئادەت بولغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بىز ئۆزىمىزنىڭ يىراق قەدىمدە ياشىغان جايلىرىمىز بىلەن ئەڭ دەسلەپكى تارىخىمىزنى ئۇنتۇلۇپ كەتكەچكە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ «ئونسۇ» دېگەن نام ئۇچرىمايدىغان بولۇپ قالغان. لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر خەلقى ياشىغان جايلاردا «سۇ» سۆزى بىلەن بىرىكىپ ياسالغان ئۇيغۇر يەر ناملىرى خېلىلا بار. مەسىلەن: ئاقسۇ، يامانسۇ، قاقسۇ، لايسۇ، كۆكسۇ، يانسۇ، قوشسۇ، غولسۇ، گۈگۈتلۈك سۇ، قىزىلسۇ، قاراسۇ، ئالتە سۇ، يەتتە سۇ دېگەندەك. يەتتە سۇ ھەققىدە ياڭ شېڭمىن « قەدىمكى ئۇيغۇرلار» ناملىق تارىخىي ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە 40-بېتىدە: «يەتتە سۇ» بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە بۇ بۆلەككە ئېقىپ كىرىدىغان يەتتە دەريانى كۆزدە تۇتىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، «ئون سۇ» دېگەن سۆزمۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك «ئون دەريا» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق ئالىم، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىدە: «بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۆز قاراشتا ئونسۇ ئۇچتۇرپان دەپ قارالماقتا »(18) دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداق بولسا ،ھازىر نېمە ئۈچۈن تارىختىكى «ئونسۇ» (ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى) ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ قالدى ؟
ئۇيغۇر خەلقى تەخمىنەن 1300-يىللاردىن باشلاپ ئازادلىققا قەدەر، ھەتتا 1998-يىلى 10-ئايغا قەدەر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنى «ئاقسۇ» دەپ، ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنى «ئاسۇق بازىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن (2001-يىلىدىن باشلاپ «ئاسۇق بازىرى» نامى بۇ جايدا قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى خېنەنلىك ۋېنجۇلۇقلار تەرىپىدىن «ۋېنجۇ كوچىسى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى). چىڭ (مانجۇ) خاندانلىقى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 1884-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نى تەسىس قىلدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كونا شەھەرنى تاشلاپ (ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن)، يېڭىدىن شەھەر بىنا قىلىپ شۇ يەردە ئىش بېجىرگەن. شىنجاڭدىكى مەنچىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى بۇزۇپ ئاتاپ، يەرلىك خەلق نېمە دەپ ئاتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز خاھىشى، مۇددىئاسى بويىچە نام قويغان. بەزى جايلارغا «خەننامە» ۋە «تاڭ نامە» لەردىكى يەر نامى-ئاتاقلىرىنى ئۈزۈپ ئېلىپ، يەرلىك ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاتىشى بىر خىل، خەنچە ئاتىلىش بىر خىل ئاتاق مەيدانغا كەلگەن. ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ «قۇم»، «ئاقسۇ شەھىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، 1882-يىلى چىڭ ئەمەلدارلىرى قەدىمكى ئونسۇ بەگلىكى (ئۇچ) نىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى قەدىمكى قۇم بەگلىكى ئورنىدا بولسا كېرەك، دەپ خاتا مۆلچەرلەپ، ئاقسۇ كونا شەھىرىگە 1882-يىلى 11-ئايدا «ۋېنسۇ» دەپ ئات قويغان. مەسىلەن: «1882-يىلى 11-ئايدا ئەسلىدىكى ئاقسۇ شەھىرىنى ۋېنسۇغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق دەپ ئاتىغان. 1883-يىلى ئاقسۇ يېڭى شەھىرىنى ياسىتىپ (بۇ شەھەر ئەسلىدىكى ئاسۇق كوچىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ياسالغان سېپىلنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ يەردىكى ئاسۇق كوچىسى بازىرى ئەسلىدە شەھەر سېپىلى ياسالماستىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئاقسۇ كونا شەھەرگە كىرىدىغان يول ئېغىزىدىكى لەڭگەر-قاراۋۇلخانا ئېغىزى ئىدى. 1950-يىللارغا قەدەر بارلىق قاتناش مۇشۇ جاي ئارقىلىق بولاتتى)، ئاقسۇ دوتەيلىكى تۇرۇشلۇق ئورۇن دەپ ئاتالغان. ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋېنسۇ ناھىيە بازىرى) نى چارلامچى مەھكىمىسى قىلغان»(19). دېمەك ، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى 1882-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭغا كەلگەن چىڭ-مانجۇ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن «ۋېنسۇ» دېگەن ھەدىيە نامغا ئېرىشكەن.
ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ھازىرغىچە ناھايىتى توغرا قىلىپ «ئاقسۇ كونا شەھىرى» دەپ قوللىنىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ «ۋېنسۇ» دەپ ئاتىلىشى تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ ئىدى. بۇ چىڭ (مانجۇ) ئەمەلدارلىرىنىڭ يەر ناملىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان يەر ناملىرىنى 1-قېتىم ئۈزۈۋېتىش خاتالىقى ئىدى. ئەپسۇس،1997-يىلغا كەلگەندە بەزى يولداشلىرىمىز تارىخىي ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانمايلا ناھايىتى يەڭگىللىك بىلەن مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە شىنجاڭدا ئۆتكەن بەزى ئەمەلدارلارنىڭ خاتا كۆز قاراشلىرىغا ياندىشىپ، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 1997-يىللىق 2-سان 57–بەتتە ھېسسياتنى تارىخىي پاكىتلار ئۈستىگە دەسسەتكەن «تارىختىكى ئونسۇ» ناملىق ماقالىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاقسۇ كونا شەھىرىنى «ئونسۇ» دېگەن نامغا ئالماشتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ماقالىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ۋە ناھىيىلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا تەكلىپ بېرىلگەنلىكىنى يازغان.
مەن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىپ ئىككى ئاي تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى جىددىي ئىشلەپ «تارىختىكى ئونسۇ-ھازىرقى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئەمەس» دېگەن رەت قىلىش ماقالىسىنى يېزىپ، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن بولساممۇ، بۇ ماقالە بەزىبىر مۇناسىۋەت، سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلان قىلىنمىدى. مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، قولۇمدىكى يەنە بىر نۇسخىسىنى ئۈرۈمچىدە كۆپەيتىپ ئۇرغۇزۇپ ئىلىم ئادەملىرى كۆرۈپ چىقسىكەن دېگەن مەقسەتتە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئەكىرىپ تاپشۇردۇم. تەھرىرلەر ئوقۇپ كۆرۈپ پاكىتلىرى تولۇق، ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن دېيىشىپ، مۇشۇ 3-ساندا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، ئەپسۇس، كېيىن قارىسام بۇ يەردىمۇ بىر سان كېچىكتۈرۈلۈپ 1998-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىندى. ئاڭغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتىگە «تارىختىكى ئونسۇ بەگلىكى–ھازىرقى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئەمەس»، «ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى تارىختا <قۇم> (خەنچە «گۇمۇ 故墨国») دەپ 1300 – يىللار ئەتراپىدا <ئاقسۇ> دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن، 1883 – يىلى چىڭ-مانجۇ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن يەرلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى <ئاقسۇ> دېگەن نامنى ئىشلەتكۈسى (دېگۈسى) كەلمەي، خەنچە ۋېنسۇ(温苏) دەپ خاتا ئاتىۋالغان. خەنچە ۋېنسۇ (温苏) دېگەن بۇ ئاتاق قەدىمدە ئۇچ (ئۇچتۇرپان) دېگەن يۇرتنى كۆرسىتەتتى. شۇڭلاشقا، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنى 1883-يىلى خەنچە خاتا قويۇلغان «ۋېنسۇ» دېگەن ئاتاققا ئاساسەن «ئونسۇ» دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تارىخىي نامى بولغان «قۇم» ياكى «ئاقسۇ كونا شەھەر» دېگەن تارىخىي نامى بىلەن ئاتايلى!» دېگەن بۇ ماقالە يېتىپ بارمىغاچقا (1998) 44 – نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ، «ئونسۇ» دېگەن نامنى ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئاقسۇ كونا شەھەر» دېگەن قەدىمىي، شانۇ شەۋكەتلىك، ئەل قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان تارىخىي نامنى تاشلاپ، ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن «ئونسۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
دېمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم» ياكى «ئاقسۇ» بەگلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ (ۋېنسۇ) بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، يۇرت تارىخى ۋە نامىنى 2-قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن، قەدىمكى ۋېنسۇ (ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى-كونا ئاقسۇنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزمۇ؟ باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىقان قىلمايلى! ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاتىلىشى بويىچە ئاتالسۇن! ئەۋلادلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تېنىتىپ قويمايلى!
مەن دەل يۇقارقى يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئونسۇ«قۇم» بەگلىكىدىن بۇلىمەن . بۇ يازمىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم تارىخىمنى بىلىۋالدىم.
2011/04/19