ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە

ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-04-2011 | خەتكۈشلەر: -

  • ئىي ئىنسان، ئاۋال تۆۋەندىكى سىننى تولۇق، ئىنسانىي سىياقىڭدا كۆرۈپ چىققىن، ئاندىن يەنە ئىنسانلىقىڭدا تۇرۇپ، يۈرەك سۆزۈڭنى بايان ئەتكىن.

    ئىي ھايۋان، توپان قايتىپ زەيتۇن شېخىنى چىشلىگەن كەپتەر قايتىپ كەلگەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام «شۈكرى، ھاياتلىق قايتا باشلىنىپتۇ» دەپ دۇئا قىلغاندا، بۇ كۈنگە قېلىشنى ئويلىغان بولغىيمىدىڭ؟

    ئىي ھايۋان، ئىككىنچى ھاياتلىق باشلانغاندا، نۇھ كېمىسىدىن ئادەم زاتى بىلەن بىللە زېمىنغا چۈشكەندە، بۇ كۈنگە قېلىشنى ئويلىغان بولغىيمىدىڭ؟

    ياق، ئويلىمىغان ئىدىڭ، زاتى ئىنسان تېگىدىن ئېسىل، رەھىمدىل كېلىدۇ دەپ، رەببىڭگە ئىشەنگەندەك ئىشەنگەنىدىڭ، دوست دەپ بىلگەن ئىدىڭ!

    ئەپسۇس، «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى»، سەن ئىشەنگەن ئىنسان تېرەڭنى تەتۈر سويغاندا، بەكمۇ كېچىكتىڭ، سەن ئىنساننى ئۆزەڭگە ئوخشاش دەپ بىلەتتىڭ، ھىيلە-مىكىر قىلمايدۇ، قىلسىمۇ ماڭا قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان بولغىيدىڭ ھەقاچان؟!

    ئىنسان تىرىك توختىتىپ تېرەڭنى تەتۈر سويغاندا، سېنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر تاقلىتىپ يۈرگەن مەزمۇت پاچاقلىرىڭغا پالتا ئۇرغاندا يىغلاپ سالدىڭ، جان ئاغرىقىغا يىغلىغانسەنمۇ؟ ياق، ئىنسانغا بەرگەن مۇھەببىتىڭ، ئەقىدەڭگە يىغلىدىڭ. توغرا، ئاقىللار «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن» دېيىشىدۇ.

    ئىي ھايۋان، يىغلىما، ئەجەبلەنمە. ئىنسان سېنىڭلا ئەمەس ئۆز زاتى-قېرىنداشلىرىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان، ئەسلى-ۋەسلىنى قۇرۇتۇۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە، سېنىڭ بۇ كۈنلەرگە قېلىشىڭ ئاللابۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان ئىدى.

    ئىي ھايۋان، قادىر ئاللاھ سېنى ئىنسان خىزمىتى ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان ئىكەن. لېكىن ھەربىر ئىنساننى پەقەت ئاللاھقا قۇل، ئەمما ئۆز-ئۆزىگە خوجا قىلىپ ياراتقان ئىدىغۇ؟ ئىنسان ئىنساننى ئېزىش، قېرىندىشىنىڭ ئازابى ھېسابىغا خۇشھاللىق تېپىش ئىنسان زاتىغا ماس خۇلق ئەمەس ئىدىغۇ! ئەپسۇس، جاھان ئاجىزلىرى كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنىۋاتىدۇ، ئاللاھ بەرگەن ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى-ياشاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىۋاتىدۇ…

    ئىي ئىنسان! ئۆزۈڭنى بىل، سورىقى بار جاھان بۇ! يېدىم، ياشىدىم، ئوينىدىم دەپ كېرىلمە. بىر كۈنلەردە ئەنە شۇ پالتاڭنىڭ ئاستىدا جان بەرگەن تىلسىز ھايۋان زۇۋانغا كېلىپ، رەزىللىكلىرىڭنى پاش قىلغىلى تۇرغاندا، پۇشايمانغا كېچىكىسەن، خۇددى سەن تېرىسىنى تەتۈر سويغان ھايۋاندەك!

    ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە!!!

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    6 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      ئۇيغۇرتېكىن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 22-ئاپرېل 12:59

      توۋا، دۇنيادا مۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكەنغۇ! مەن تېخى بۇلارنى دۇنيادا ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىرەر ئىپتىدائىي قەبىلە بولسا كېرەك، دەپ قاپتىمەن!… :grin:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      ئەلشات بلوگى نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 23-ئاپرېل 11:49

      مەن بۇنى نەچچە ئاي بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم شۇ ۋاقىتتا بۇ رەزىل كىشىلەرگە شۇنداق نەپرىتىم قوزغالغان ئىدى ھەي!!!!!!!!!! بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى!! :!:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 3#
      ئىزدىنىش نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 24-ئاپرېل 11:52

      ku6.com دىن قىستۇرۇلغان فىلىم ئوت تۈلكىدە كۆرۈنمەمدۇ قانداق ؟ ئەڭ ئۈستىدىكى سىننى كۆرۈپ دىگەنگە كەلگەندە شۇنچە ئىزدىسىەم يوق ، شۇنىڭ بىلەن IE نى ئاچتىم .

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 4#
      ۋىروس نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ماي 22:16

      خېلى بۇرۇن بۇ سىننى تېلىۋوزۇردىن كۆرۈپ نەپىرتىم ئىچلىرىمگە سىغماي قالغان . بۈگۈنمۇ ئاخىرغىچە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمىدىم . ئاللاھ ئېگەن ھەممىنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ .

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 5#
      ساتارىم نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 26-ماي 22:02

      بالامدىن بالامغا قەسەم ، قوي تېرىسى ۋە كالا تېرىسىدىن تىكىلگەندىن باشقا ھەر قانداق ھايۋانات تېرىسىنىڭ نەرسىسىنى كىيمەيمەن ! تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى ، ئۇلار ئىنسان ئەمەسكەن ! ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنى سويغىلى تۇرۇپتۇ ! ھەي خۇدا ! مېھرىبان خۇدا ! ھېلىمۇ يەرشارى تىتىلىپ كەتمەي ، تىنچلىق تۇرۇپتۇ ! زامان ئاخىرنىڭ كىشىلىرى ! :o :o

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 6#
      سادا نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 27-ماي 22:36

      :roll:
      ۋاي ھايۋانلار!!!!!
      ئىنساق قىلپىدىن چىققان مۇناپىقلار! :roll: :roll: :grin: :grin:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif