بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > بىلوگ بىلدۈرگىسى > قىسمەت مۇنداق دەيدۇ

    قىسمەت مۇنداق دەيدۇ

    بۈگۈن (2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، شەنبە) قىسمەت بلوگى قايتا ئېچىلدى.

    قىسمەت بلوگى – تارىخ، مەدەنىيەت، تىلشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇلاھىزىسى قاتارلىق ئىجتىمائىيەت ساھەسىنى ئۆزىگە نىشان قىلغان، قىسمەت، كۆلتېگىن ئىككى بلوگگېر ئورتاق مېھنەت قىلىدىغان كۆلبىدۇر.

    بلوگ ھەققىدە قىسمەت مۇنداق دەيدۇ:

    سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇر بلوگنىڭ روياپقا چىقىشىنى سۆزلىسەم، بىر پاتمان گەپ بولىدۇ. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەم، ئۇزۇندىن بېرى خاتىرىلىرىمگە، تور بەتلەرگە، گېزىت – ژۇرناللارغا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈپتىمەن، كەسپىم دائىرىسىدە تىرىشىپ – تىرمىشىش جەريانىدا، ئانچە – مۇنچە ئىقتىسادقا ھەم تەشەككۈرلەرگە ئىگە بولۇپتىمەن، خېلى كۆپ تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئېرىشىپتىمەن.

    خۇلاسە كالام، بىلىدىغانلىرىمدىن يازغانلىرىم، ئۆگەنگىنىمدىن ئۆگەتكىنىم تولىمۇ ئاز بوپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن، ئاللا قەيەرلەردە قېلىپ يۈتۈپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىمەن، باشقىلارغا بىلدۈرۈپ بولغىچە ئۇنتۇپ ئۈلگۈرۈپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئىزلىرىم ئۆچكىلى تۇرۇپتۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، چۆچۈپ ئويغاندىم، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ كېچىكمەسمەن، دېگەن نىيەتتە، قولۇمنى كونۇپكا تاختىسىغا قويدۇم…

    قېنى مەرھەمەت، قىسمەتلىرىم ھوزۇرىڭىزدا …



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      سالام قىسمەت ئاكا ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كىيىن بۇ يېڭى قورويىڭىز ئارقىلىق قايتا كۆرۈشكىنىمدىن خوشالمەن . مۇبارەك بولسۇن .
      [ئورنىڭىز: باش بەت > قىسمەت بىلدۈرگىسى > قىسمەت مۇنداق دەيدۇ ] ماۋۇ ئورۇن IE7دە سولغا توغورلىنىپ قاپتۇ .

    • 3#

      بلوگىڭىزنىڭ ئېچىلغانلىقىنى نەچچە قېتىم تەبرىكلەپ بولغان بولساممۇ، يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىۋېتەي. ئارتۇق كەتمەس. :evil:
      مۇبارەك بولسۇن!
      پاتا-پات يوقلاپ تۇرىمەن. :sad:

    • 4#

      ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم قىسمەت ئاكا ، مەن بىلوگىڭىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن ، ئۆزۈممۇ بىر بىلوگ قۇرغان ئىدىم ، مىكرو بىلوگمۇ قۇرىۋالدىم ، لىكىن مىكرو بىلوگدىكى خاتىرىلەرنى بىلوگ يان ئىستونىدا چىقىرىدىغان كودنى تازا قاملاشتۇرالمىدىم ، خىلى كۆپ بىكەتلەردىن ئىزدىگەن بولساممۇ بۇ ھەقتە مەزمۇن تاپالمىدىم ، بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر تەلىم بەرسىڭىز . سىزگە كۆپ رەھمەت !

      • 5#

        تۆۋەندىكى كودنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قىستۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

        كودتىكى http://say.../ نىڭ ئورنىغا مىكروبلوگىڭىزنىڭ ئادرېسىنى يازىسىز.
        get_item_quantity(7) تىكى 7 دېگەن سان بلوگىڭىزدا كۆرۈنىدىغان مىكروبلوگ خاتىرىسىنىڭ سانى.

        • 6#

          يۇقارقى كوددىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپلا تۇرۇۋالدى ، پەقەت ئىجرا بولمىدى ، لىكىن مەن بۇ كودنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ يەنە قاملاشتۇرۋالدىم . سىزگە كۆپ رەھمەت .
          بولسا كەمىنىنىڭ بىلوگىنى كۆرۈپ بىقىپ شەتكە توشسا ئۇلىنىش قىلىپ بەرسىڭىز . (كومپىيوتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ ئېلانىنى يازما ئاستىدا چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم . )
          بىلوگ نامى : ئىزدىنىش
          ئادىرىسى : http://izdinish.net
          لوگو ئادىرىسى : http://izdinish.net/logo.gif
          ئەلۋەتتە ، لوگو ئۇلىنىشى ياكى خەتلىك ئۇلىنىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز . كۆپ رەھمەت .

    • 7#

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەت ئەپەندىم ، سىزدىن ياردەم سوراپ كەلدىم .مەن سىز ئۆزلەشتۈرگەن بىلوگ ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەن ئىدىم .ھەممە يېرى ناھايتى چىرايلىق نورمال شۇغىنىسى ئنكاس يوللىغىلى بولمىدى . ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئوڭشاپ بەرگەن بولسىڭىز ، رەھمەت !

    • 9#

      قىسمەت ئەپەندىم مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب شۇ . بۇ ئۇسلۇپنى چۈشتاق بىلوگى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپتىكەن ياردەم سورىسام جاۋاپ كەلمىدى ،:cry:
      ئاخىرى ئۇسلۇپ چۈشۈرگەن ، ئۇسلۇپلار بىلوگىغا كىرىپ ئۇسلۇپ ئۇچۇرىغا دىققەت قىلسام بىلوگ ئۆزلەشتۈرگىچى ئەسلى سىز ئىكەنسىز .يېڭىياچىلىقتا بەك جاپا تارتىپ كەتتىم جۇمۇ . :mrgreen:

      بىلوگ ئادرىسى : http://xatmen.sinaapp.com

    • 11#

      ئىنكاسقا قاراپ كىچە ھەم كۈندۈز ،
      ئۆتتىۋاتىدۇ مىنىڭ ياشلىقىم ،
      كەلمىسە جاۋاپ قىسمەت ئۇستامدىن ،
      كۆزۈمدىن ئاقىدۇ تارام ياشلىرىم .

      :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

      • 12#

        ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
        ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇسلۇب ئىشى سەل كېيىنگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن. لېكىن ئاللاھ خالىسا چوقۇم ئوڭشاپ يوللاپ بېرىمەن.

    • 13#

      قىسمەت ئەپەندىم ماڭا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت . جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .

      ئىلخەت ئادرىسىم : 1317390017@qq.com

    • 14#

      سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتمەكتىمەن ، قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بىر كۈنى بولمىسا بىركۈنى ئۇسلۇپنى ئىۋەتىپ بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
      مەن يانا كىلىمەن ،خوش …………….. :!:

    • 16#

      قىسمەت ئەپەندىم ، ئۇسلۇپنى ئىۋەتىشكە ۋاقتىڭىز چىقماپتۇ دە . :!:

      • 17#

        ئۇسلۇبنىڭ ئوڭشايدىغان يېرى بار ئىكەن، شۇنى بىر تەرەپ قىلىپ يوللاپ بېرەي.
        كەچۈرۈڭ، ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم.

    • 18#

      بىلوگىڭىزدىكى نادىر تېمىلارنى ئوقۇپ بەھىر ئالغاچ ساقلاۋاتىمەن .

    • 19#

      ئىنكاس يازسام ماۋۇ كود چىقىۋالدى :razz:

      SAE_Warning: require(/data1/www/htdocs/280/xatmen/1/wp-content/themes/HotNewspro242/HotNewspro242/../../../wp-load.php) [function.require]: failed to open stream: No such file or directory in wp-content/themes/HotNewspro242/HotNewspro242/comments-ajax.php on line 16

      SAE_Fatal_error: require() [function.require]: Failed opening required ‘/data1/www/htdocs/280/xatmen/1/wp-content/themes/HotNewspro242/HotNewspro242/../../../wp-load.php’ (include_path=’.:/usr/local/sae/php/lib/php/sae_std_lib/’) in wp-content/themes/HotNewspro242/HotNewspro242/comments-ajax.php on line 16
      :razz:

    • 21#

      ئالدىنالا رەھمەت ئېيتىپ تۇراي ، سىزنى ئىزلەۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم .

      • 22#

        تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم بولمايۋاتىدۇ، بۇ ئىنكاسنىمۇ پەدتە يازدىم، ساقلىتىپ قويۇۋاتىمەن، كەچۈرۈڭ !

    • 23#

      قىسمەتكا شىركىتىڭىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ تورغا يانا چىقالماپسىزدە ! :cool:

    • 26#

      رەھمەت ، ئوڭشىۋالدىم

    无觅相关文章插件,快速提升流量