بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ئىقتىساد/ئىجتىمائىيەت > قانچىلىك ئۇيغۇر تورغا چىقىدۇ؟

    قانچىلىك ئۇيغۇر تورغا چىقىدۇ؟

    ئۇيغۇرلاردا ئىستاتا ئېلىش ھۆكۈمەتنىڭ پاتېنتى بولۇشتىن تېخى قالغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە شەخسىي ئىستاتا ئورۇنلىرى بارلىققا كېلىشى جەمئىيەت تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى، ناھايىتى نورمال ئۇسۇللىرىدىن بىرسى ئىدى. ھۆكۈمەتمۇ قىزىقكەن. توختىماي «ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز» دەيدۇ. نازارەت قىلىش ئۈچۈن پاكىت بولۇشى كېرەكتە. سىز شەخسىي ئىستاتا ئورۇنلىرىنى قۇرۇشقا يول قويمىسىڭىز، بىز پاكىتنى، ئەلرايىنى نەدىن تاپىمىز دەيمەن.

    شۇنداق، تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ يۈرۈپ، تۆت كوچىدىكى كونا ئالا-بالداقنىڭ ئىزىدا بىردەم پاراڭ سوقۇپ تۇرۇپ قالدۇق. تەبىئىيلا «قانچىلىك ئۇيغۇر تورغا چىقىدۇ» دېگەن گەپ چىقىپ قالدى.

    مەن ئېيتتىم: «ھېچبولمىسا بىر پىرسەنت ئۇيغۇر تورغا چىقار، يەنى پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئون تۈمەن ئۇيغۇر تورغا چىقار» دىدىم.

    ئاغىينەم: «ياق، مېنىڭچە پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئون پىرسەنت ئۇيغۇر تورغا چىقىشى مۇمكىن» دېدى. ھوي، ئۆزلەچە يۈز تۈمەن ئۇيغۇر تورغا چىقارمۇ؟ بۇ گەپ بىزە پو بولۇپ قالامدۇ-قانداق؟

    ئاغىنەمنىڭ دېيىشىچە، بۇ پو ئاتقانلىق ئەمەسكەن. ئەمما، بۇ ئون پىرسەنت ئۇيغۇرنىڭ خېلى كۆپى پەقەت كىنو كۆرۈش ئۈچۈن ۋە باشقا تور ئويۇنلىرىنى ئويناش ئۈچۈن تورغا چىقارمىش. ئەمدى نوقۇل باغداش تورىغا كىرىپ باققان ياكى كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنى ساناپ كەلسەك، بىر پىرسەنت ئۇيغۇر باغداش تورىغا كىرىشى مۇمكىن.

    ئۆتكەندە كۆكنۇر شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان پەخىرلىك فىزىكا ئالىمىمىز ساھىبجامال دۆلەت ئاچىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە قاتناشقىنىمدا، ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدا كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئىلمىي لېكىسىيەلەردە بولۇپ ئۆتتى. ئاشۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ مۇتەخەسىسلىرىمىز دەل مەخسۇس ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى ئىشلەۋېتىپتىكەن. ئەگەر شۇ چاغدا سوئال سوراش بولغان بولسا، مەن چوقۇم «ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك ئادەم تورغا چىقىدۇ، ئۇيغۇرلاردا يەنە قانچىلىك ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىقىدۇ» دېگەندەك سوئاللارنى سورىۋالاركەنمەن.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      مىنىڭچە تورغا چىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرچە كۈنلىك PV كۆرسەتكۈچى 500 مىڭ، IP كۆرسەتكۈچى 80 مىڭ ئەتراپىدا بۇلىشى مۈمكىن دەپ قارايمەن.

    • 2#
      راخمان

      بىر پىرسەنت چىقىشىمۇ تەس جۇمۇ

    • 3#

      1.شىنجاڭ داشۆ — شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى .
      2.ئەگەر بىر پىرسەنت ئۇيغۇرلار تورغا چىقسا ئۇنىڭ توققۇز ئۈلۈشى چۇقۇم ئۇيۇن ئويناپ ، كىنو كۆرۈپ ، مۇڭداشقۇلاردا ئاخىرى چىقماس پاراڭلارنى سېلىپ ئولتۇرغان بۇلىدۇ .

    • 5#

      مەنچە بولسا بۇنى مەلۇم ۋاقىت بويىچە سىتاستىكىلاپ قارىسا بولىدۇ. مەسلەن بىر ھەپتە، بىر ئاي… دېگەندەك. سانىمۇ كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بەزى يېزا رايۇنلاردا كومپىيۇتېر سانى ئاشسىمۇ تور سىمى يوقتەك نۇرغۇن توسالغۇلار مەۋجۇت.

      • 6#

        كىم دەيدۇ يېزىدا تور سىمى يوق دەپ؟بىز ئاللىقاچان سىمسىز توردا چىقىمىز :grin: بۇرۇنقى سىملىق لېنىيىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى نۇركابىلغا ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز،-دەپ بۇرنىمىزغا نوختا سېلىپ،ھازىر سىملىق تور سىملىرىنىڭ ھەممىسى يىغىۋىلىنغىلى نەۋاق،بەيدۇنى ئاچساق يېرىم سائەت ساقلايمىز تور سۈرئىتىنىڭ«تىز»لىقىدا،تىلگىرافنىڭ ھارام-تاماقلىرى پۇل تېپىشنىڭ ئېپىنى بىلدى،ئېقىمنى سائەت بويىچە ھېسابلاپ ھازىر…

    无觅相关文章插件,快速提升流量