بۇ ئىمتىھاننى ئۆلچەملىك قىلىپ «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەيدىگۈچىلەر ئىمتىھانى» دەيدۇ، بىز ئېغىز تىلىدىكى بويىچە ئېلىۋەردۇق.
بۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى ئۆزۈم ئاز-تولا رول تۇتۇپ، پۇل تۆلەپ پىراۋا ئېلىۋالغان ئىدىم. كېيىن مەن سىرتتا بولۇپ، پىراۋامنى ئۇدا ئىككى يىل يىللىق تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكۈزمىگەنلىكىم سەۋەبىدىن، پىراۋا بىكار قىلىنغان ئىدى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يۇرتقا بېرىپ ئىككى ھەپتە تۇرۇپ كەلدىم. بۇ جەرياندا پىراۋىنىڭ قەدرى يامان بەك ئۆتۈلدى. ئۆزۈمنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ماڭىدىغان ئىش بولسىمۇ، پىراۋام بولمىغاچ ئاكامنى ئېلىۋالىمەن، ئاكام بايقۇش شەخسىي شوپۇرۇمدەك خالىغان يېرىمگە توشۇيدۇ. تاس قالدىم «سىيگىلى ماڭغان، ئاپىرىپ كېلە، ئاكا!» دېگىلى.
يۇرتتىن قايتقاچ «توختا، بىر ئېلىۋېتەيچۇ مۇشۇ نەرسىنى» دېگەن قارارغا كەلدىم. ئۈرۈمچىگە قايتىپ، شۇ كۈنىلا ئۈرۈمچى 5-كۆۋرۈك بېشىغا جايلاشقان «چېگرا شەھەر شوپۇرلۇق مەكتىپى(边城驾校)» غا تىزىملاتتىم. «نوپۇسۇڭ سىرتتىكەن» دەپ، بىكاردىنلا 1000 كوينى ئارتۇق خەجلەپ كەتتى بۇ گۇيلار، خۇددى مەن تاشقى پىلانتتىن كەلگەندەك.
ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ، نەزەرىيە بىلىملىرى سوئال-جاۋاب كىتابى ۋە تەقلىدىي نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى ئايرىم سېتىۋېلىپ، ئۆيگە كەلدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ، شىركەتتىكى ئايىقى چىقماس ئىشلار قولۇمنى بىكار قىلمىدى، ھەم سىرتتا كۆپ بولۇپ كەتتىم.
ئارىدا مەكتەپتىن «تەقلىدى ئىمتىھان بېرىپ باق، نەتىجەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، رەسمىي ئىمتىھان بەر» دەپ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلدى. لېكىن مەن ھەر قېتىم سىرتتا بولۇپ قېلىپ، ئامال بولمىدى.
ئاقىۋەت، ئوقۇش پۇلى تۆلەپ نەق ئىككى ئاي بولغان 9-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە تېلېفون قوبۇل قىلدىم. ئۇلارغا «بولىدۇ، ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى (13-چىسلا) رەسمىي ئىمتىھانغا قاتنىشاي» دېدىم. ئۇلار «مەكتەپكە كېلىپ، بىر-ئىككى قېتىم تەقلىدىي ئىمتىھان بېرىپ باققىن، ئۆتەلىسەڭ، ئاندىن رەسمىي ئىمتىھانغا قاتناش» دېۋىدى. مەن «ئىشىم بەك ئالدىراش تۇرىدۇ، مەن ئۆيدە بىر نەچچە قېتىم تەقلىدىي نەزەرىيە ئىمتىھانى بەرگەن، رەسمىي ئىمتىھاندىن چاتاق يوق ئۆتۈپ كېتىمەن، تىزىملىتىپ قويۇۋەر» دېدىم. تېلېفون قىلغان خادىم «بولىدۇ» دەپ تېلېفوننى قويدى.
پەيشەنبە كۈنى (13-چىسلا) سەھەردە مەكتەپتە تېلېفون قىلىپ، نەزەرىيە ئىمتىھاننى قەيەردە بېرىدىغانلىقىمنى سورىدىم. تېلېفوننى ئالغان خادىم ئىسمىمنى سوراپ «سەن بۈگۈنكى ئىمتىھانغا قاتناشمايدىكەنسەن. چۈنكى، مەكتەپتە تەقلىدىي نەزەرىيە ئىمتىھانى بەرمەپسەن» دېمەمدۇ. ئاچچىقىم سەكسەنگە چىقتى، «ۋاي، ئالدىنقى ھەپتە مەن مەسئۇل خادىم بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭغا ئۆيدە بىر نەچچە قېتىم تەقلىدىي نەزەرىيە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم دېسەم، ماقۇل، مەن تىزىملىتىپ قوياي دېمىدىمۇ» دەپ ۋارقىرىدىم. ئۇمۇ تازا سەپرامۇ نېمە «مەكتەپتە تەقلىدىي ئىمتىھان بەرمەي تۇرۇپ، رەسمىي ئىمتىھانغا كىرسەڭ بولمايدۇ، مەكتەپكە كەل» دەپ تېلېفوننى تاققىدە قويدى.
بۈگۈن ئىمتىھان تۇرسا، تەقلىدىي ئىمتىھان بەرسەم-بەرمىسەم نېمە پايدىسى ئەمدى؟ بارمايلا قويدۇم.
ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ (17-چىسلا) مەكتەپتىن يەنە تېلېفون قىلدى، ئالدىنقى قېتىم مېنى ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ قويىمەن دەپ «ئۇنتۇپ» قالغان بۇ خادىمنىڭ ئاۋازىنى دەرھاللا تونۇۋالدىم.
-نېمە دەپ مېنى ئالدايسەن؟
-نېمە دەپ ئالداپتىمەن سېنى؟
-ئالدىنقى ھەپتە مېنى ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ قويىمەن دېگەنتىڭغۇ؟
-خاپا بولما، مەكتەپتىن ئۇنىماي قويدى، شۇڭا تىزىملىتالمىدىم.
-ماڭا دەپ قويساڭ ئۆلەمسەن؟
-ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ، قەتئىي بىكار بولالمىدىم، ئېسىمدىن چىقىپتۇ.
-ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
-مەكتەپتە كېلىپ، تەقلىدىي نەزەرىيە ئىمتىھانى بېرىپ باقساڭ. نەتىجەڭ ياخشى بولسا، نەچچە كۈندىن رەسمىي ئىمتىھانغا قاتناشساڭ بولىدۇ.
چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە باردىم. تەقلىدىي ئىمتىھان مەيدانىدىكى كومپيۇتېرلارنى كۆرۈپ، تاس قالدىم ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى. ھەممىسى بىر-بىرىدىن كونا، 10 نەچچە يىل ئاۋۋالقى كومپيۇتېرلار ئىكەن، بىرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى يوق، بىرىنىڭ مائۇسى يوق.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا چىقىپ، مائۇس تېپىپ كىرگۈچە، ھەر بىر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىردىن ئادەم. «قوپ ھوي، ماۋۇنىڭدا مەن ئىمتىھان بېرىمەن» دېگىلى بولمىسا.
ئاڭغىچە ماڭا مەسئۇل ھېلىقى خادىم «ماۋۇنىڭدا ئىمتىھان بەر» دەپ ئىشخانىسىدىكى لەپتوپ(笔记本电脑)نى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا كومپيۇتېرنى تىزىمغا قويۇپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھان بەردىم، 96 ئاپتىمەن.
ئاۋۇ خادىمنىڭ باشتا دېگىنى بويىچە ئىمتىھاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكېرىۋېتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ بىكار بولۇشىنى ساقلىدىم.
بىرەر سائەتتىن كېيىن، ئىشخانىدا ئادەم سەل سېلىكتى. ئۇ مېنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدىمۇ بىلمىدىم، ئۇدۇل سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ.
ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم:
-ھوي، مەنمۇ بار ماۋۇ يەردە، ئىمتىھانغا تىزىملاپ قويمامسەن؟
-تەقلىدى ئىمتىھان بەرسەڭ، ئاندىن تىزىملاپ قويىمەن دېدىمغۇ؟
-بايا بەرگىنىم تەقلىدى ئىمتىھاندۇ؟
-ۋاي، سەن قاچان ئىمتىھان بەردىڭ؟
ئارىمىزدىكى سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب بېرىلگەن بۇ دىيالوگلار مېنى ئايلاندۇرۇپ قويايلا دېدى.
-سادىغاڭ كېتەي، مەن نەچچە كۈندىن بېرى مۇشۇ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشنىڭ كويىدا. سەن ھېلى تېخى لەپتوپنى بېرىپ، ئىمتىھاننى مۇشۇنىڭدا بەر، بېرىپ بولۇپ، ئىشخانىغا ئەكېرىپ قوي دېدىڭ. ئىمتىھاندىن 96 ئالدىم. يەنە نېمە دەيسەن؟
-مەن ساڭا قاچان لەپتوپ بەردىم؟ قاچان سەندىن ئىمتىھان ئالدىم؟
خۇدا، مەن ساراڭ بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن، ماۋۇ ساراڭغا ئەقىل بەرگىن!
ئۇ ماڭا بىر ئۇزۇن قارىۋېتىپ، بېشىنى قاشلىدى:
-ۋاي، بايا مەندىن لەپتوپنى ئالغان سەنمۇ؟
-ئالدىنقى ھەپتە ساڭا ئالدانغان، ئەتىگەن سەن تېلېفون قىلغان، ھېلى سەندىن لەپتوپنى ئالغان، شۇ لەپتوپتا ئىمتىھان بەرگەن، بايىدىن بېرى سەن بىلەن جېدەللىشىۋاتقان ھەممىسى بىر ئادەم، يەنى مەن!!!
ئاۋازىم ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى، بۇ پاراڭلىرىمىز مەكتەپ ھويلىسىدا بولۇۋاتقاچ، ئۆتكەن-كەچكەنلەر بىزگە قارىشىپ قالدى.
ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ …
ۋاي…. مەنمۇ 11-ئاينىڭ بېشىدا شوپۇرلۇققا تىزىملىتىپ قۇيۇپتىكەنمەن، ۋاي بۇلارنىڭ ئىشىنىڭ جىقلىقىنى دېمەڭ،قارىغاندا مەن دەيدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ ۋە كېيىنكى يازمىلىرىڭىزدا كۆرىدىغان ئوخشايمەن
2012/11/16
ھەممە يەردە ئوخشاشمۇ قانداق. مېنىڭ ئاداشلىرىم ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتىدۇ بۇ خەقنىڭ مۇشۇنداق ئالدامچى، مەسئۇلىيەتسىز ۋە سامانقورساقلىقىدىن….
مېنىڭ خەققە پەقەتلا يالۋۇرغۇم يوق بولغاچقا بۇ ئىمتىھانغا تىزىملاتمايلا قويدۇم….
2012/11/16
ھاھاھا، تولىمۇ ئەركىن يازىسىز جۇمۇ ماقالىنى. سەيشەنبە كۈنى مەنمۇ ئىتىھاننى بېرىپ كەلدىم. ئىنتىھان بېرىش بەس مۈشكۈل بولدى، مۇناسىۋەت ئارقىلىق بۇ ئايلق ئىنتىھان بېرىش سالايىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولساممۇ ئىۋۇ پارىخور يىتەكچى نەچچە قېتىم سىناق ئىنئىنتىھان ئېلىپ ئاران تەستە ئۇنىدى ئەكىرىشكە. 94 ئالدىم.
2012/11/18
بىز دەيدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىسمەتجان دەپتۇ .ئۇ ساراڭلارنىڭ قولىغا قالمىسۇن ئادەم .جىلە بولۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغىسى كىلىدۇ
2012/11/27
مەنمۇ ددل مۇشۇ مەكتەپكە تىزىملاتقانتىم،تىز سىنىپقا تىزىملاتساڭ 400 كوي پولنى ئارتۇق تۈلىسەڭ بولىدۇ دىگەنتى ماقۇلدەپ تۈلىسەم ئاستا سىنىپقا تىزىملاپ قۇيۇپتۇ ،ئۆزگەرتىپ بەرمىدى ، يەنە ھەر قېتىم مەيدان پولى ئالغاندا تىز سىنىپ بىلەن ئوخشاش جىق پۇل ئالدى ،گېپىمنى ئاڭلايدىغان يەر تاپالمىدىم، ۇقۇتقۇچىلىرى بەك چۈپەيكەن،كۇندە چۇشلۇك تاماك ئېلىپ بەرمىسىڭىز يۈزىڭىزگىلا قايدە بىلمەيدىكەنسىز دەيدىكەن،بىر مىجەزى ئەسكى ساراڭ مالىم باركەن نېرۋا،كەچكىچە ئادەم تىللاپ تۈزۈك ئۈگەتمەيدۇ ،شۇڭا بۇ مەكتەپكە ھەرگىىز تىزىملاتماڭلار
2012/11/28
مەن ئەسلىدە شىنجاڭغا بېرىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، قارىغاندا يەنىلا ئامال قىلىپ ئىچكىردە ئېلىپ كەلسەم بولغۇدەك، لېكىن ئوقۇشۇم مۇشۇ 6-ئايدا پۈتىدۇ، شۇ چاغقىچە قولۇمغا تېگەرمۇ
2012/12/04
ۋاي خۇدا يەنىلا بىزنىڭ ما كورلىنىڭ خېلى كەڭرىچىلىك ۋە ئازادىچىلىك ئوخشىمامدۇ ، ئۈرۈمچىدە ئىش بوپتۇدە بۇ
2013/01/20
بىزگە مەكتەپتىن بېرىدۇ 1 تەتىل ئوقۇساقلار باشقا ئارتۇق ئشى يوق ئە راست 3000 سوم بېرىدىكەنمىز
2013/01/21
داۋامىغا تەشنامەن.
2013/02/01
قولۇمدا جىددىي ئىشلار بولۇپ قالدى، سەل جايىغا چۈشسە داۋاملىق يازىمەن، ئاللاھ خالىسا …
2013/02/03
قاغا تۇخۇمى يىگەن دىگەن ماۋۇكەن رەسمى
2013/08/20