بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟

    ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟
    • مۇقەددىمە

    ئادىل تۇنىيازنى قاچان تونۇغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. لېكىن شائىرغا «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق كىتابىدىن كېيىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىم راست .

    شۇنىڭدىن كېيىن شائىرنىڭ «سۆيۈپ قالسام سىنى ناۋادا»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدىكى كوچا»، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» قاتارلىق كىتابلىرىنى، بولۇپمۇ «قەشقەردىكى يەر شارى» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرىنى سۆيۈپ ئوقۇدۇم.

    «قەشقەردىكى يەر شارى»-قاراڭ بۇ سۆزدىكى پىكىر چوڭقۇرلۇقىغا! شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «دەرەخ شاخلىرىغا ئىلىنىپ قالغان ئاي پارچىسى» دېگىنىدەك، ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ تاتلىق ماۋزۇسىدىن ھەقىقەتەن جانلىرىم يايرىدى. ئۇيغۇر تىلىغا پاساھەت بېغىشلاۋاتقان بۇ سۆز ئۇستىسىغا رەھمەت ئوقۇدۇم.

    • ئادىل تۇنىياز كىم؟

    ئادىل تۇنىياز قاغىلىقتا تۇغۇلغان، رايونىمىزنىڭ مەركىزىي شەھىرىدە رادىئو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئادىل تۇنىياز ھەققىدە بىلىدىغىنىم بارى-يوقى مۇشۇنچىلىك.

    ئادىل تۇنىياز يانفون ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بىزدەك سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى يوق. بىز بىراۋلار بىلەن قۇرۇقتىن-قۇرۇق تېلېفون سۆھبىتى قۇرۇۋاتقان چاغدا، شائىر تىنىمسىز ئىلمىي ئەمگەككە بەند ھالەتتە بولىدۇ.

    شائىرنى ئىزدىسىڭىزلا تاپالمايسىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسى بار. ئۇ ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كۆنگەن.

    ئۇنى ھاراق سورۇنىدىن، ئايىقى چىقماس مېھماندارچىلىقتىن تاپالمايسىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس روھىيىتى، ئۆز ئېتىقادى بار. ئادىمىيلىك، شەرم-ھايا، ئېتىقاد سۇسلۇقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زامانىمىزدا، ئۇ ئېتىقادلىق شائىر سالاھىيىتىدە، مۆھتەرەم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ كۈيئوغلى سالاھىيىتىدە، تېخىمۇ توغرىسى چىن ئىنسان سالاھىيىتىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.

    شائىر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باشلانغان «يېڭىچە شېئىر» ھادىسىسىنىڭ سەركىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنى بۇلغىماي كەلدى. «تالانتلىق شائىر»، «داڭلىق شائىر» دېگەندەك ئەسلى نامنى غۇۋالاشتۇرىدىغان سۈنئىي ئېنىقلىما نامدا ئەمەس، «شائىر-چىن ئىنسان» نامىنى جۇلالاندۇرۇپ ياشاپ كەلدى.

    • خاتىمە

    ئادىل تۇنىياز بىلەن ئىككى يىلدەك بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇ كىشىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرىتىپ كەلدىم. سەھەردە ئىشقا ماڭىمەن، ئۇ كىشى قولتۇقىغا كىتاب قىستۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى يادلىغاچ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بېشىمىزنى لىڭشىتىپ سالاملىشىمىز، ئۆتۈپ كېتىمىز.

    مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈق. شائىرنىڭ بۇ ئادىتى ئۆزگىرىپ باقمىدى.

    يېڭى ئۆيۈمگە كۆچكىلى بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا يەنە ئوخشاشلا ئىشقا بېرىپ-كېلىپ ياشاۋاتىمەن. لېكىن، يولۇمدا بىر نەرسە كەم. نېمە كەمدۇ؟

    ئەسلىدە، مەن ئادىل تۇنىيازنىڭ ئالدىمغا ئۇچرىشىغا، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالام بېرىشىگە كۆنۈپ كېتىپتىمەن. ئىككى يىلدىن بېرى شائىرنىڭ يۈگۈرگەچ بىر نەرسە يادلىشى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنىكەن.

    شۇ چاغلاردا دىققەت قىلمىغانىكەنمەن، بۈگۈن ئويلاپ قالدىم: شائىر نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟!



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      بۇنداق يازغۇچىلىرىمىز بەكلا ئاز، ئۇلارغا ھاردۇق يەتمىگەي!

    • 2#

      شىئىرلىرىنى يا چۈشۈنەلمەي يا ئۇقۇشتىن ۋاز كېچەلمەي بەك قىينىلىپ كىتەتتىم.
      ھازىر بەك ئۇقۇمايدىغان بۇلۇپ قالدىم.

    • 3#

      ياخشى يېزىلغان يازما ئىكەن. سۆيۈملۈك، ئەقىدىلىك شائىرىمىز ئادىل تۇنىياز ئامان بولسۇن!
      بۇ تېمىنى بەزىلەر كۆرسە جىددىيلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
      زىيالىيلار قاتلىمىدا بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ تەس بولۇپ قالدى مۇشۇ كۈنلەردە.

    • 4#
      سەۋرىيار

      بۇ شائىرىمىزنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ تارقاتقان بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى.

    • 7#
      قادىخان

      ”مۇھەممەد سالىم ھاجىم“ دەپ يېزىلىپ قاپتۇمۇ نېمە،
      ئەتىگەندە ياشلار باغچىسىغا كىرسىڭىز يەنە ئۇچۇرىشالايسىز، نېمە يادىلاۋاتقىنىغا كەلسەك ئادىلكام كېيىنلىكى ئۈچۈن نېمىنى يادىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى بەكرەك بىلىدۇ، شۇنى يادىلاۋاتقان بولىشى ئېھتىمال. بىزمۇ شۇنداق قىلالىساق بولاتتى، ئىنشائاللاھ!

    • 9#

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ تەرەپلىرىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن. مەنمۇ ئۇ كىشى بىلەن بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشكەن. ئەمما كۆپ پاراڭلىشالمىغان… ئاللاھ ئۇنىڭ قەلىمىگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن!

    • 10#

      ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ شىئىرلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. مۇنداقچلا ئوقۇسا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ شىئىرلىرىنىڭ تىللرى خەلىق تىلىغا بەكلا يېقىن بولغاچقا ھەمدە تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەچكە ھەممە ئادەم ئوقۇپلا چۈشىنىپ شۇڭا كۆپرەكىنى ناخشا تېكىستى قىلىۋالىدۇ. ئادىل تۇنىيازنىڭ شىئىرلىرى بولسا ئادەمنى بىر خىل ئابىستىراكت دۇنياغا باشلاپ كىرىپ ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان تۇيغۇلارغا باشلايدۇ. دىمەكچى بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ خالاس، لىكىن سوقۇۋاتقان يۈرەك بىر. ھەممىسى يەنە شۇ ئۇيغۇر شىئىرىيىتى ئۈچۈندۇر. گۈللەر ھەرخىللىقى بىلەن گۈزەل بولغۇنىدەك ، شىئىرلارنىڭ بۇنداق رەڭگارەڭلىكى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەپسۇس بۇنى دۇنيادىكى داڭلىق ئەەبىياتچىلار بىلەمدىغاندۇ؟ بىر ئىككىسى ياكى 40-50ى بىلەر ، قالغانلىرىچۇ؟؟؟

    无觅相关文章插件,快速提升流量