بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ئىقتىساد/ئىجتىمائىيەت > بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

    بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

    ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ 21-ئەسىرگە كىرگەن، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، جۇڭگونىڭ يۈز-ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقى تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاتالمىش «داڭلىق كارخانا» سەنلۇ باشچىلىقىدىكى 22 كارخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستېمال بۇيۇمغا ئارىلاشتۇرۇش چەكلەنگەن خىمىيىلىك تەركىب قېتىپ، ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن جۇڭگو ۋە خەلقئارانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

    يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەردە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىقىنى، جاپادىن قورقمايدىغان روھىنى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى دۇنيا خەلقىگە نامايان قىلىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، پۇلدىن باشقىغا چوقۇنمايدىغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى، ئىنسانپەرۋەرلىكىنى يوقىتىپ، زەھەرلىك قارا قولىنى دۇنيادىكى ئەڭ پاك، ئەڭ گۈزەل، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، ئىنسانىيەتنىڭ داۋامىغا تەپتارتماستىن سالدى. بۇ خىل رەھىمسىز،ئىنسان چىداپ تۇرغۇسىز قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە جازالاش كېرەك. گەرچە ئۇلار ئۆز قىلمىشىنى قانداق ئاقلىسۇن، ئۇلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەسلىك كېرەك!

    ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا سۆيۈملۈك پەرزەنتىدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، بارلىق سۆيگۈسىنى ئاتا قېلىپ، يەنە ئاتا قىلمىغان نېمە نەرسىسى بارلىقىنى ئىزدەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، سەنلەر ھەر خىل ۋاسىتە قوللىنىپ، ئاتا-ئانىنىڭ سۆيگۈسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ قولىغا زەھەر بېرىشتىڭ، ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بارلىقى بولغان تىلسىز بوۋاققا ئۆز قولى بىلەن زەھەرنى ئىچۈردى. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە بولامدۇ؟! سەنلەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن قۇرغان ئالدام خالتاڭغا چۈشكەن ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بارلىقىغا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان زەھەر ئىچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندە، يۈرەك-باغرىنىڭ قانغا مىلەنگىنى سەنلەر مەڭگۈ ھېس قىلالمايسەن. ئۇلار ھامان سەندەك پەسەندىلەردىن ئىنتىقامىنى ئالىدۇ ۋە ئالغۇسى!

    «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن نامنى ئېلىپ، مەھسۇلاتىڭنىڭ ئابرۇيىنى دۆلەتنىڭ نوپۇزى بىلەن باغلاپ قىلغان پەسكەشلىكىڭنىڭ دۆلەتنىڭ نوپۇزىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىشمەمتىڭ؟ ھەر مىللەت خەلقى 60 يىلدىن بۇيان جاپالىق كۆرەش ئارقىلىق تىكلىگەن دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى سەندەك ئەخلەتلەر تۆكۈشسەڭ، بۇ دۇنياغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟!

    ساختا سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ بوۋاقلارنىڭ بېشى يوغىناپ كەتكەندە، قارا خىش زاۋۇتىدا ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغاندا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى سەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەندە، باشقا ئەل خەلقى بىزگە قانداق كۆزى بىلەن قارىدى؟ بىر دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى، ئىناۋىتىنى نەچچە ئون يىلدا تىكلەپ بولغىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟! بىلىشسەڭ، جۇڭگو خەلقى سەنلەرنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.

    ئىشلەپچىقارغىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە يېزىپ قويغاندەك مەھسۇلات ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك ئەخلەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ھالىتىگە كەلگەندە بىرىڭ پۇلدىن يەنە بىرىڭ ھوقۇقتىن كېچەلمەي خەلقنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشتىڭ، ئىش پاش بولغاندا بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە ئېڭىشىپ كەچۈرۈم سورىسام ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسەن؟

    سەھىيە تارماقلىرىدىكى سامان قورساق ئەپەندىلەر، خانىم-قىزلار تىنچ -ئامان تۇرۇشتۇقمۇ؟ ئىش چىقمىسا سىلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىش چىقسا زۇۋۇك تالىشىپ شالىڭلارنى چاچرىتىپ سۆزلەپ، « %80 مەھسۇلات يەنىلا ئىشەنچلىك» دېگەندە نېمىشقا يۈزۈڭلار قىزارمايدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قۇيۇلغان تەلەپنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىڭ بېرىشتىڭ ئاۋۇ «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن كىنىشكىنى؟

    بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى دۆلەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، بىراق خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇش، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېمىتمەسلىك، سۈت چىقماسلىق دېگەندەك ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا سۈت پاراشوكىغا تايىنىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق مەسىلىنى ئەخلاق تەربىيەسى، ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيەسى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    جۇڭگودىكى نەچچە ئون مىليون ئاتا-ئانىنىڭ ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكىنى، خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ قانچىلىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى مەن دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز.

    دۆلەتنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان، ئىنسان كەچۈرەلمەيدىغان بۇنداق قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك. بوۋاقلارغا زەھەرلىك قولىنى سالغان بەدبەختلەرنى مەڭگۈ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلاش كېرەك.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      دۆلىتىمىزنىڭ ئىجدىمائىي تۈزۈمىدىكى بەزى يۇچۇقلار ئەنە شۇنداق بەزى كىشلەرنى قاپ يۈرەك قىلۋېتىپ بارىدۇ،مىنىڭچە بۇنىڭدا شۇ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك كوللىكتىۋى ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق شەخىسلەرنىڭ قولى بار.

    • 2#

      ھونزادە دۇرۇس ئەيتۇر.
      نۇمۇسسىز،شەرەپسىزلەر جاجىسىنى يىمىسە بىكار :twisted:

    • 3#

      ھە راسىت قىسمەت ئاكا مۇمكىن بولسا مىنىمۇ ئۇلىنىشقا قېتىپ قويغان بولسىڭىز،سىزنىڭ باھانىڭىزدا زىيارەت سانىم يۇقىرى ئۆرلەيتى.

      • 4#

        ئوبدان گەپ.
        ئۆزىمىزمۇ بىر تارىخ ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىنىمىزنىڭ بلوگىغا بۇرۇنلا خاس ئىشىك ئېچىش يولىمىز بار ئىدى. كېچىككەنلىكىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز .

    • 7#

      ئىنسانىلىققا يات بۇنچىلىك ياۋۇز جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ لېكىن بۇ خىل ۋەقەنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى ھىقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق! بەكلا قورقۇنۇچلۇق!

    无觅相关文章插件,快速提升流量