سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇز بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى قىسمەت بىلەن 2006-يىلى ئىزدىنىشتا تونۇشقان ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئىككىمىز « ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت » تېمىسى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە ئاز-تولا بارغان ئىدۇق.
ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپتۇ. ھەرقايسىمىز ئۆز تىرىكچىلىكىمىز بىلەن ياشاپ كەپتىمىز. نەچچە كۈن ئاۋال، قىسمەت بىلەن قايتا پىكىرلىشىش نېسىب بولدى. نەتىجىدە مەزكۇر بلوگنى قىسمەت بىلەن بىللە يېزىشقا كېلىشتۇق.
كەمىنە كۆلتېكىن سەل ئالدىراشراق ئادەم، بەلكىم يازمىلىرىم ئىزچىل بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا يازما سۇنۇپ تۇرىمەن.
ئەسكەرتىش: ئىلگىرى ھەرقايسى تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنىڭ قىممىتى بار دەپ قارالغانلىرى مەزكۇر بلوگدا ساقلىنىدۇ.
ۋاھ، كۆلتېگىن ئاكىنىڭ قىسمەت بلوگىغا تەكلىپلىك يازار بولغانلىقى، يولۋاسقا قانات چىققاندەكلا ئىش بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن! كۆلتېگىن ئاكىنىڭ كىشىنى ئويغا سالىدىغان يازمىلىرىغا تەشنامىز …
2011/02/15
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل ئىش بولۇپتۇ،ئىشقىلىپ ھەر ئىككىلىڭلارنىڭ يازمىلىرى ئۈزۈلمىسۇن
2011/08/07