.
بۇ تولا چاينىلىپ كەتكەن «تايىنى يوق شېئىر» نىڭ بىرى.
نېمە؟ «دېھقانغا بېغىشلانغان شېئىرنى تايىنى يوق دەۋاتامسەن» دېدىڭىزمۇ؟
ئاڭلاڭ، مەن بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
دېھقان ئۇلۇغ دەپ ئەسەر يازىسىز، دېھقان دادام دەپ ناخشا ئېيتىسىز. مەن دېگەن دېھقان پەرزەنتى دەپ قويىسىز بەزىدە.
خوش، دېھقانغا ئىچ ئاغرىتماي تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ دېھقاننى بىچارە دەپ قارىغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ بەرگەن دېھقان دادىڭىزغا ياندىڭىز. ئۇنىڭ دېھقان بولغانلىقىدىن نومۇس قىلىسىز ھەقاچان. سىز تېخى ھېلىلا دېھقاننى ئۇلۇغ دەپ ماختىغان ئىدىڭىز. ئۆزىڭىز ئۇلۇغ دەپ قارىغان كىشىدىن نومۇس قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
كۆكتات بازارلىرىغا بارسىڭىز قوشنا ئىككى سېتىقچىنى كۆرىسىز. بىرسىنىڭ توپ تارقىتىش بازىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆكتات بولغاچ، يۇيۇپ تازىلانغان ھالەتتە كۆزىڭىزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئاۋۇ دېھقاننىڭ تېخى ئەتىگەندە ئېتىزدىنلا كولاپ كېلىنگەن ھالەتتە. دېھقانغا ئوخشاش توپىغا مىلەنگەن، لېكىن دېھقانغا ئوخشاش ئىچى پاكىز، زىيانسىز ھالەتتە.
خوش، دېھقاننى ئۇلۇغلايسىزۇ، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالمايسىز. ئۇنىڭغا ئىئانە ئورنىدا بەرگەن كونا كىيىملىرىڭىز بىلەن شۇ غۇبارسىز دېھقاننىڭ غۇرۇرىغا تېگىشكە پېتىنىسىزۇ، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈەنلىك سودا قىلىپ، كەچتە ئۆيىدىكى ئۇششاقۇ-چوڭلىرى بىلەن بىرەر پارچىدىن گۆش يېيىشىنى خالىمايسىز.
بۇ قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ، توغرىسى سىزنىڭ تايىنى يوق ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
خوش، ئۇنداقتا مەرھۇم روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرى تايىنى يوق شېئىرمۇ؟ ياق، زىنھار ئۇنداق ئەمەس. ھۆرمەتلىك روزى سايىت بۇ شېئىرىنى قېنى بىلەن يېزىپ چىققان ئىدى.
ئۇنداقتا روزى سايىت تايىنى يوق كىشىمۇ؟ ياق زىنھار ئۇنداق ئەمەس. بۇ شېئىرنىڭ شاراپىتى بىلەن يەرلىكتىكى بەزى سىياسەتلەر ئۆزگىرىپ، دېھقانلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى (ھازىرقى جۇڭگو مىللەتلىرى)» ژۇرنىلىغا خەت يېزىپ «شائىرنى مۇكاپاتلاپ بېرىڭلار، پۇلىنى كۈزدە بېرىمىز» دېگەنلىكى بۇ شېئىرنىڭ تايىنى يوق شېئىر ئەمەسلىكىنى، شائىرنىڭ دېھقاننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
خۇلاسە كالام، بۇ شېئىر تايىنى يوق شېئىر ئەمەسكەن، شائىر تېخىمۇ شۇنداق. بىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق شېئىر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز دەپ، باشقىنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ سالدۇق. ئۇنداقتا تايىنى يوق شېئىرمۇ ياكى …؟
مۇشۇ شىئىرنى ئاڭلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئۈن ئالغۇ سېتىۋالغانتۇق.
2011/08/04
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەت
سىز بۇشىئىرنى تايىنى يوق شىئىر دەپسىز سىز مۇشۇنچىلىك شىئىر يېزىپ باقتىڭىزمۇ ؟سىز دىھقاننىڭ كەتمىننىڭ سېپنى تۇتۇپ باققانمۇ ؟قىسقىسى سىز بۇشىئىرغا باھا بىرىشكە سەل كىچىك كىلدىغاندەك قىلىسىز،شىئىرنى ۋە دىھقاننى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز كىرەك ؛
2011/08/05
بورادەر قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىسىنى قايتىمۇ- قايتىلاپ 20 قېتىم ئوقۇسىڭىز ئاندىم يازمىنىڭ مەناسىنى غۇۋا بولسىمۇ چۈشۈنەلۈگۈدەكسىز!
2011/08/06
بۇ تىمىدىكى مەركىزى ئىددىيىنى(مەخسەتنى) چۈشەنمەپسىز .
<>
2011/08/06
ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئالدىرماي ئۇقۇڭ!
2011/08/06
ئۆزىمىز باش بۇلۇپ قىلساق ھىساپ.ئۇسۇل ئۇينايمىز دەپ ساز چالغۇزۇپ قويۇپ ئوينىمىغاندەك ئىىش بولسا بولمايدۇ دە!.
2011/08/05
مانا مەن دېھقان ئوغلى. سىز بىزگە ئوخشاش ئىشلەپ بېقىپ گەپ قىلىڭە. سىز دېھقاننى چۈشەنمىسىڭىز ئارتۇقچە گەپ قىلماڭ جۇمۇ
2011/08/06
بۇ نداق شىئېرنى ھېچكىم يازمىغان ھەم يازالمايدۇ.بۇشىئېر دىھقاننىڭ جاپاسىنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۈگەن،بۇنى دىھقاننىڭ پەرزەنتى چۈشنىدۇ.بۇشىئېرغا ئانداق ياكى بۇنداق باھا بېرىشكە سالاھىيتى توشمايدۇ.شۇنداق ئادەم مۇشۇنداق شىئېردىن بىرنى يېزىپ باقسۇن!!!!!!!!!!!!!!!
2011/08/06
قانداق ساراڭ دەۋاتىدۇ بۇ گەپنى، دىخاننىڭ دەردىنى بىلمەيدىغان، دىخان بولمىسا ساڭا ئاش نەدە، نان نەدە؟ سەن ئۇلارنىڭ دەردىنى ئۇقمايسەن. تور بەتكە قالايمىقان نەرسە يېزىشتىن، قۇسۇر تېپىشتىن باشقىنى بىلمەيسەن بېلىگە سۇيقاش بارمىغان لىڭتاسما. بۇ شىئىر دىخاننىڭ دىمەكچى بولغان سوزلىرىنى، ھىسياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن شىئىر. سەن داداڭدىن سوراپ باق، دىخان زادى قانداق ئادەم. بۇ شىئىرىنى يازغۇچى ھەم پۈتكۈل ئىنسان دىخانچىلىقتىن مۇشۇ زامانغا تەرەققى قىلىپ كەلگەن، بۇندىن كىيىن بۇنداق ئەپسانە گەپلەرنى قىلما. قىلىدىغان ئىشىڭ بولمىسا سېرىق تور بەت كۆر. بۇنداق شائىرلىرىمىزغا تىل تەككۈزمە. مۇسۇلمانچە دىگەن خېتى يوق نەرسىنى يەپ چوڭ بولغان نىمىكەنسەن. ، بۇ تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسىغا لەنەت، تورداشلار بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى شاللىۋەتسەڭلار
2011/08/06
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ئەمەس ئىملايىڭىزدىنلا بۇ تېمىنى 100 قېتىملاپ ئەمەس، نەچچە يۈز قېتىملاپ ئوقۇسىڭىزمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم.
بەك قاينىغان چۆگۈن بويىغا تاشىدۇ، ئۇنچە قايناپ كەتمەڭ، ئەمدى بولسىمۇ تېما ۋە باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى تولۇق بىر ئوقۇڭ!
تۆۋە دىمىسە بىكار ،،،
2011/08/06
دىھقانلىرىمىز يەنىلا دىھقانچە تەپەككۈر قىلىدۇ،ئۇلار شۇنداق تۈز،ساددا،ئاق كۈڭۈل.
يازما ئىگىسىنىڭ يۇقارقى بىر قىسىم ساپاسىز ئىنكاسلارغا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئەپۇچان پۇزۇتسىيە تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ياراتقان ئۇلۇق اللاھ akkax0998 ،YAMGURLUK،tekin، alim قاتارلىق تورداشلىرىمىزغا تەۋپىق، ھىدايەت ئاتا قىلغاي!
2011/12/30
يولداش قىسمەتجان كۆزڭىزگە ياكى قۇلىقىڭىزغا بىر نەرسە كىرىپ قالمىغاندىن كېيىن قارسىڭىز بولمامدۇ قارغاندا سىز شىماللىق ئوخشايدۇ ، ماۋۇ جەنۇپ تەرەپلەرگە كېلىپ كۆرۈپ باقمامسىز دىھقانىڭ ھالىنى ، كۇرۇپقۇ كەتمەڭ بۇنىڭغا كىرا كېتىدۇ ، سىز نوچا بولسىڭىز بىر شىئىر يېزىپ باقمامسىز دەيمەن .،………
2011/08/06
قادىر ئاللاھقا شۈكرىلەركى، كەمىنە قىسمەت كۆز، قۇلاق، تېخىمۇ توغرىسى قەلپ جەھەتتىن ھەرھالدا ساق ياشاۋاتىمىز.
قىسمەت شىماللىق ئەمەس، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ تاكى ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلگۈچە دېھقانچىلىق قىلغان قارا دېھقان پەرزەنتىمەن. بۇ بلوگنى ئەستايىدىلراق ئوقىسىڭىز بۇ سوئالنى قويماس ئىدىڭىز.
كەمىنە نوچى ئەمەس، شۇ سەۋەبلىك مەرھۇم روزى سايىتكامنىڭ بۇ شېئىرىدەك شېئىر يېزىش پېقىرنىڭ قولىدىن زىنھار كەلمەس.
دېھقاننىڭ بېشىدا كۆتۈرگەن روزى سايىتكامنى، ئۇشبۇ شېئىرىنى ماختاپ «كۆزۈڭ چاتاقكەن، ساراڭ» ۋە باشقا ناملارغا ئېرىشكەن بولساق ئۆزىمىزنى پەخىرلىك ھېس قىلىمىز.
«ئەيسا، ئەيسا ئۆلۈپتۇ، يىغلايدىغان ئادەم يوق، ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ» دېگەندەك، ئۆز يازمىمىزغا ئۆزىمىز چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. كەچۈرۈڭلار بۇرادەرلەر!
2011/08/13
akkax0998 قېرىندىشىمىز قارىغاندا قىسمەت ئەپەندىمنىڭ يازمىسىدىكى چوڭقۇر مەنالارنى چۈشەنمىگەن چېغى.
نە بۇ شېئىرنىڭ،نە روزى سايىتنىڭ تايىنى يوق ئەمەس،ئەسلى بىزنىڭ تايىنىمىز يوق بەلكىم…
2011/08/06
دېھقان بولماق تەس دېگەن بۇ شىئېرغا ئاللىقاچان توغرا باھا بىرىلىپ بولغان، بۇ شىئېرنى ھازىرقى زامان شىئېريەت ساھەسىدىكى كاتتا ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ قاراشقا تامامەن، %100 بولىدۇ.
كۆكتات بازارلىرىغا بارسىڭىز قوشنا ئىككى سېتىقچىنى كۆرىسىز. بىرسىنىڭ توپ تارقىتىش بازىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆكتات بولغاچ، يۇيۇپ تازىلانغان ھالەتتە كۆزىڭىزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئاۋۇ دېھقاننىڭ تېخى ئەتىگەندە ئېتىزدىنلا كولاپ كېلىنگەن ھالەتتە. دېھقانغا ئوخشاش توپىغا مىلەنگەن، لېكىن دېھقانغا ئوخشاش ئىچى پاكىز، زىيانسىز ھالەتتە.
پاھ مۇنۇ يازمىڭىز ئالامەت ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ (ئارقا كۈرۈنۈشىنى چۈشەنگەن ئادەمگە)!!!
بوز قىر مۇنبىرىدىكى «سۆلەتلىك كادىر چوكان» ناملىق يازما بىلەن ئوخشاش چىقىپتۇ.
2011/08/06
http://www.bozqir.cn/bbs/read.php?tid=844
2011/08/06
تېمنى كۆرۇپ قايسى ماز يەنە قالايمقان نەرسە يازغاندۇر دەپ سەكسەنگە چىققانتى كاللام ئەسلىدە بىر ياخشى ئەسەركەن
2011/08/06
akkax0998 ۋە بۇ يازمىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشەنمىگەن باشقا قېرىنداشلارغا:
سىلەر قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىسىنى يەنە 100 قېتىم ئوقۇپ چىقىڭلار. بەلكىم شۇ چاغدا بۇ ئاددى كاللاڭلار بىلەن بۇ يازمىنى ئاندىن چۈشىنەلىشىڭلار مۇمكىن. بەكلا ئەجەپلىنىۋاتىمەن، سىلەر مەكتەپتە ئوقۇمىغانمۇ ياكى بوينۇڭلارنىڭ ئۈستىدىكى نەرسەڭلار شۇنچىلىك پولىشىپ كەتتىمۇ؟
سىلەرگە تەكلىپ: مىنىڭچە سىلەر باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى ئەڭ ئاددى، تۇز ئېيتىلغان ئەسەرلەرنى كۆرۈڭلار. قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىسى سىلەرگە زايا كېتىپتۇ.
قوشۇمچە: مەن يازمىلارنى ئوقۇغان بىلەن ئەزەلدىن باھا سۆزى يازمايتىم. لىكىن بەزى تورداشلارنىڭ بۇ يازمىغا بولغان باھاسىنى كۆرۈپ پەقەت چىدىيالمىدىم.
2011/08/06
قىسمەت ئاكا،مۇشۇ شىئىرنىڭ چۇشۇرۇش ئادىرىسى بولسا چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز،خۇيمۇ چۈشۈرۋالغۇم بار ئىدى.
2011/08/06
مۇنۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈۋالغايسىز:
http://dl.dbank.com/c01ttoakqm
2011/08/29
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دۇستلار مەيلى سىز لە شىمالدىن ياكى جەنۇبتىن بولۇڭلار ھەممىز شۇ دېھقاننىڭ تەرگەن بۇغدىيىنى يەپ چۇڭ بۇلغان ھەم ياشاۋاتىمىز .تۇزنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغانلاردىن بولمايلى .
ئاۋۋاك كۆرۇپ ئانالىز قىلىپ ئاندىن باھا بىرەيلى .
2011/08/06
بەك ياخشى تېمىكەنغۇ
2011/08/06
قىسمەت ئەپەندىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن ‹‹دېھقان بولماق تەس ›› شېئىرىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلىگىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بىرقىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىز ئەسەر مەزمۇنىنىڭ تېگىگە تازا يېتەلمەپتۇ.
‹‹ بۇ قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ، توغرىسى سىزنىڭ تايىنى يوق ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
خوش، ئۇنداقتا مەرھۇم روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرى تايىنى يوق شېئىرمۇ؟ ياق، زىنھار ئۇنداق ئەمەس. ھۆرمەتلىك روزى سايىت بۇ شېئىرىنى قېنى بىلەن يېزىپ چىققان ئىدى.
ئۇنداقتا روزى سايىت تايىنى يوق كىشىمۇ؟ ياق زىنھار ئۇنداق ئەمەس. بۇ شېئىرنىڭ شاراپىتى بىلەن يەرلىكتىكى بەزى سىياسەتلەر ئۆزگىرىپ، دېھقانلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى (ھازىرقى جۇڭگو مىللەتلىرى)» ژۇرنىلىغا خەت يېزىپ «شائىرنى مۇكاپاتلاپ بېرىڭلار، پۇلىنى كۈزدە بېرىمىز» دېگەنلىكى بۇ شېئىرنىڭ تايىنى يوق شېئىر ئەمەسلىكىنى، شائىرنىڭ دېھقاننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
خۇلاسە كالام، بۇ شېئىر تايىنى يوق شېئىر ئەمەسكەن، شائىر تېخىمۇ شۇنداق. بىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق شېئىر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز دەپ، باشقىنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ سالدۇق. »
2011/08/06
نىمانچە جىق ئادەم يازمىنىڭ تېمىسىنىلا كۆرۈپ مەزمۇننى چۈشەنمىگەندۇ، مەندەك بىر چالا مىنكاۋخەن چۈشەندىم يازمىنىڭ مەقسىتىنى. تۆۋە………
2011/08/06
‹‹توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا››دىگەندەك بولدۇم بەزىلەرنڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ
2011/08/07
بەزەنلەرنىڭ يازمىنى ئۇقۇپ چۈشەنگۈدەك كاللىسى بولمىغان بىلەن، گەپ قىلىشتا «ھاجەتخانا»دىن قالمىغۇدەك سېسىق ئېغىزى بار.
قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بۇنداق پارچە-پۇرات گەپلەرنى كۆڭلىگە ئېلىپ يۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
2011/08/07
نەخ گەپ ! بۇنى چۈشەنمىگەنلەر كۆتىنى قىسىپ ئىشىنى قىلسا بولمامدۇ دەيمەن ، توۋا…
2011/08/09
شۇنداق ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز .تېمىڭىزنى چۈشەنمەي دىلىڭىزنى رەنجىتكەنلەردىن ھەرگىز ئاغرىنماڭ.ئادەمنىڭ بىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ رەھمەت سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
2011/08/13
كالۋاكەنسىلەر، خەق توغرا گەپ قىپتۇ بەزەن نادانغا
2011/08/13
ئاۋۇ سوئال بەلگىسىنىڭ ئاخىرى ئادەمنى ﺋﻮﻳﻼﻧﺪۇﺭﺩﻯﻙەﻥ
2011/09/30
نېمىدىگەن ئاق كۆڭۈل ، نېمىدىگەن ساددا ! يازمىڭىز ناھايىتىمۇ ئەمەلىيەتچانلىقى يۇقىرى يوپتۇ . مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ بىر دېھقان بالىسى بولغانلىقىمدىن قىلچىلىقمۇ ئەپسۇسلىنىپ باقمىدىم . بەلكى پەخىرلىنىمەن . بەزىدە مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ قالسام ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى بازارغا ئېلىپ كېلىپ سېتىۋاتقان نۇرغۇن دېھقانلارنى ئۇچرىتىمەن ، . شۇنداقلارنى كۆرسەم ، گەرچە ئەسلىدە بىر نەرسە ئېلىشى ئويۇم بولمىسىمۇ ، ئىختىيارسىز بىر نەرسىلىرىدىن ئازراقتىن سېتىۋالىمەن .چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنداق نەرسىلەر ، ھەر تاللا بازىرى ، چوڭ سودا سارايلاردىن سېتىۋالغان نەرسىلەردىن ساپ ،ھەم تەملىك . روزى سايىت ئاكىمىز ھەقىقەتەنمۇ دېھقاننىڭ كۈيچىسى ئىدى . لېكىن ھازىر نۇرغۇن جايلاردا دېھقان نامدا ئۇلۇغ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قوللاشقا ، ئۇلۇغلاشقا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ .دېھقانلارنى مەنسىتمىگەنلەردىن شۇنداق سوئال سورىغۇم كېلىدۇ . سەن زادى نەدىن كەلگەن ؟
2011/12/14